
ئۇيبەك سۇت مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى جۇڭگۇ ، ئامرىكا ، تۈركىيە شېرىكچىلىكىدىكى كارخانا . ئۇيبەك بولسا، جوڭگو بويىچە بىردىن-بىر ئۇيغۇر مىللىتى قۇرغان سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى. ئەترەتتىكى ئەزالار ئامرىكىنىڭ كالفۇرنىيە ئونۋېرسىتى بىرلىكى تارمىقى شۇنداقلا مەكتەپتىكى ماگىستىرلىق دەرىجىسىدىن يۇقرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار.
ئۇيبەك سۈت مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتى دۆلەتنىڭ سۈپەت بېخەتەرلىك ئۆلچىمىدىن ئۆتكەن، سۈت مەھسۇلاتلىرى كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن، مەھسۇلات دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن، سۈپەتتە بېخەتەر، خاتىرجەم ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.
شىركەت ئىشلەپ چىقارغان ئۇيبەك يەرلىك قېتىقلىرى بولسا، ھازىرقى خەلقئارالىق ئۆلچەمنىڭ ئەڭ يۇقرى سۈپەت تەلىپى بويىچە، تۈرۈكچە ئۇسۇل ۋە شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى بىرلەششتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش دائىرىسى ئاساسىدا، يېڭى سۈتنى يۇقرى دەرىجىدە پۇشۇرۇش بىلەن بىرگە، سۈتنى قويۇقلاشتۇرۇپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن.
ئىشلەپچىقارغان قېتىق مەھسۇلاتى تېخىمۇ قويۇق ھەم تېخىمۇ مەززىلىك. سۈت مەنبەسى بولسا، فۇكاڭنىڭ ئەتراپىدىكى كۈندىلىك يېڭى ساپ سۈت بولۇپ، مەھسۇلات بولسا، ساپ تەبىئىي، تەركىبىگە ھېچقانداق خېمىيىلىك تەركىپ ئارلاشتۇرۇلمىغان. تەبئىي، مەززىلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقرى ئالاھىدىلىككە ئېگە. ئۇنىڭدىن سىرىت، شىركەتنىڭ باشقا مەھسۇلاتلىرىدىن قايماق، سارماي، ئېرىمچىك ۋە پىشلاق بار بولوپ، تۈركىيە ۋە ياۋرۇپادا كەڭ دائىرىدە ئىستىمال قىلىندىغان سۈت مەھسۇلاتلىرى ھېساپلىنىدۇ. ئۇيبەك قېتىقلىرى قەنىتسىز، يۇقرى كالتسىيلىق، يۇقرى ئاقسىللىق، ئەسلى تەم بولۇپ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار، دىئابىت كېسىلى بارلار، ھامىلدار ۋە تېنى ئاجىز ئاياللار ئىستىمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ تەن ساپاسىنى يۇقرى كۆتۈرىدۇ. ھەرقايسى ياشتىكى ئىستىمالچىلار، ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان مېۋىلەرنى ئارلاشتۇرۇپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تەمگە تەڭشەپ ئىستىمال قىلسا تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ.