كولۇمبىيەنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ 13 ئادەم ئۆلدى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 1-ماي خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، كولۇمبىيە ئارمىيىسىنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى كارىب دېڭىزى قىرغىقى رايونىدا چۈشۈپ كەتكەن، تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكى 13 ئادەمنىڭ ھەممىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان. كولۇمبىيە ئاتلانتىك شىتاتىنىڭ خەلق مۇداپىئەسى مەسئولىد دېيىشىچە، كولۇمبىيە ئارمىيىسىنىڭ Bell 212 تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلانى شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30 ئەتراپىدا ئاتلانتىك شىتاتىنىڭ ساباناگراندى (Sabanagrande) بازىرىغا يېقىن بىر ئېتىزلىققا چۈشۈپ كەتكەن. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ھادىسىگە يولۇققانلار ئىچىدە ساقچى ۋە ھەربىي خادىملار بار ئىكەن. (نەپرەت تەرجىمىسى)