ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

جۇڭگو بېلىقچىلىرى جەنۇبىي كورىيەنىڭ 4 خادىمىنى يارىدار قىلدى

2012-يىلى05-ئاينىڭ01-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو تور تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 30-ئاپرېل خەۋىرى: كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي كورىيەنىڭ 4 نەپەر مەمۇرىي خادىمى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى قانۇنسىز بېلىق تۇتقان جۇڭگولۇق بېلىقچىلارنى تۇتماقچى بولغاندا، جۇڭگو ك
  

 

جۇڭگو تور تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 30-ئاپرېل خەۋىرى: كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي كورىيەنىڭ 4 نەپەر مەمۇرىي خادىمى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى قانۇنسىز بېلىق تۇتقان جۇڭگولۇق بېلىقچىلارنى تۇتماقچى بولغاندا، جۇڭگو كېمە خادىملىرى ئۇلارنى يارىدار قىلغان.

 جەنۇبىي كورىيە يېزا ئورمانچىلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇچۇرىدا دېيىلىشىچە، 30-ئاپرېل سەھەر سائەت 2:30 ئەتراپىدا، غەربىي دېڭىز بېلىقچىلىق باشقۇرۇش بۆلىمىگە قاراشلىق 4 نەپەر مەمۇرىي خادىم جېئوللانام-دو ئۆلكىسى سىنان ۋىلايىتىنىڭ خېئۇكسان ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 72 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز ساھەسىدە قانۇنسىز بېلىق تۇتقان جۇڭگو بېلىقچىلىق كېمىسىنى تۇتقان. جۇڭگو كېمە خادىملىرى كېمىسىگە چىققان جەنۇبىي كورىيە خادىملىرىغا پىچاق، ئىلمەك، ئورغاق قاتارلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلغان، جەنۇبىي كورىيەلىك ئۈچ خادىمنىڭ باش، بىلەك، پۇت قىسىمى يارىدار بولغان، بىر خادىم دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن، ۋاقتىدا قۇتقۇزۇۋېلىنغان. جەنۇبىي كورىيە دېڭىز ساقچىلىرى جۇڭگو بېلىقچىلىق كېمىسى ۋە كېمىدىكى 9 نەپەر بېلىقنى تۇتقان ھەمدە موكپو پورتىغا ئېلىپ كەتكەن.    (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!