ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

نېگىرىيە ئۇنۋېرسىتىتىدىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەر سانى 21 گەيەتتى

2012-يىلى04-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
شىنخۇا تورىنىڭ 30-ئاپرېل خەۋىرى: نېگىرىيەنىڭ شىمالىدىكى كانو ( Kano )شىتاتىنىڭ مەركىزى كانون شەھىرىدىكى بايېرو (Bayero) ئۇنۋېرسىتىتىدا 29-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن پارتلاش يۈز بەرگەن، نۆۋەتتە بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۆلگەنلەر سانى 21 گە يەتكەن. يەرلىك قۇتقۇزۇش خادىمل
  

 شىنخۇا تورىنىڭ 30-ئاپرېل خەۋىرى: نېگىرىيەنىڭ شىمالىدىكى كانو (Kano) شىتاتىنىڭ مەركىزى كانون شەھىرىدىكى بايېرو (Bayero) ئۇنۋېرسىتىتىدا 29-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن پارتلاش يۈز بەرگەن، نۆۋەتتە بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئۆلگەنلەر سانى 21 گە يەتكەن. يەرلىك قۇتقۇزۇش خادىملىرى قۇتقۇزۇش داۋامىدا نەق مەيداندىن ئاز دېگەندە 21 جەسەتنى يۆتكەپ كەتكەن، ئۆلگۈچىلەر ئىچىدە بايېرو ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بىر پراففىسسورى ۋە باشقا بىر ئوقۇتقۇچىسى بار ئىكەن.

 

پارتلاش شۇ جاي ۋاقتى 29-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:45 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن، ئەينى چاغدا بىر قىسىم خرىستىئان ئوقۇغۇچىلار بېيرو ئۇنۋېرسىتىدىكى چېركاۋدا تىلاۋەت قىلىۋاتقان ئىكەن. سالاھىيىتى نامەلۇم قوراللىقلار چېركاۋغا نەچچە بومبا تاشلىغان ھەمدە قېچىپ چىققان كىشىلەر توپىنى ئوققا تۇتقان. كېيىن، نېگىرىيە ئارمىيىسىنىڭ كانو شىتاتىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىمى نەق مەيدانغا كېلىپ قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن ئېتىشقان. يەرلىك ساقچىلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پارتلىتىش ۋەقەسى بىلەن نېگىرىيە بوكو ھەرەم تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا نېگىرىيەنىڭ شىمالىدا پەيدا قىلغان بىر قاتار پارتلىتىش ۋەقەلىرى بىلەن چېتىشلىقى بار ئىكەن. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!