يۇكىئو ئېدانو
يەر شارى تورىنىڭ 30-ئاپرېل خەۋىرى: ياپونىيە «ئاساخى ئاخباراتلىرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ئىقتىساد سانائەت مىنىستىرى يۇكىئو ئېدانو 5-ئاينىڭ بېىشىدا قازاقىستاننى زىيارەت قىلىدىكەن، زىيارەت ۋاقتىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىدىكەن. ياپونىيە زىيارەتتە قازاقىستان بىلەن سىرەك توپا بايلىقىنى ئېچىش ئىشىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىد ئۈمىدىدە بولغان. كېلىشىم ھاسىل قىلىنسا، ياپونىيە قازاقسىتان بىلەن بىرلىشىپ، قازاقىستاننىڭ شىمالىدا زاۋۇت قۇرۇپ سىرەك توپا بايلىقى دىسپروزىي (dysprosium) نى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. دىسپروزىي ئېلىكتروماتور، ئارىلاشما ئېنىرگىيە ۋاگونى ۋە باشقا ئېلىكترون مەھسۇلاتلىرىنى ياساشنىڭ خام ئەشياسى. بۇ سىرەك توپا بايلىقىنى ئېچىش پىلانىغا ياپونىيە كارخانىلىرىدىن سۇمىتومو گۇرۇھى، ياپونىيە دۆلەتلىك نېفىت-تەبىئىي گاز ۋە مېتاللوروگىيە شېركىتى ۋە شىنېتسۇ خىمىيە سانائىتى قاتنىشىدىكەن. ياپونىيە بۇ يىل قازاقىستاندىن 30 توننا دىسپروزىيلىق سىرەك توپا ئىمپورت قىلىدىغان بولۇپ، كېلەر يىل دىسپروزىينى ئىمپورت قىلىش مىقدارىنى 50 توننىدىن ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان، ياپونىيەنىڭ يىللىق دىسپروزىي ئېھتىياجىنىڭ تەخمىنەن %10 نى ئىگەللەيدۇ. (نەپرەت)