جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 30-ئاپرېل خەۋىرى: 2011-يىلى 5-ئايدا قازافى ھاكىمىيىتىدىن يۈز ئۆرىگەن سابىق باش مىنىستىر ۋە نېفىت مىنىستىرى شۇكرى غەنىم 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاۋسترىيەدە سىرلىق ھالدا ئۆلگەن. ئاۋسترىيە ئاخباراتلىرىنىڭ 4-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۈكرى غەنىمنىڭ تۇغقانلىرى ئۇنى ئۆيىدە ئۆلدى دېگەن، ئەمما ۋيېنا ساقچىلىرى 29-ئاپرېل ئېلان قىلغان ئۇچۇردا شۈكرى غەنىمنىڭ جەسىتىنى 29-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:40 ئەتراپىدا يېڭى دوناي دەرياسىدا لەيلەپ تۇرغانلىقىنى بايقىغانلىقى دېيىلگەن.
ۋيېنا ساقچىلىرىنىڭ باياناتچىسى رومان خاسلىنگىر (Roman Hahslinger ) نىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئۆلگۈچىنىڭ تېنىدا زوراۋانلىققا ئۇچرىغان ئىزلارنى بايقىمىغان، ئەمما ئۇ سىرتقى كۈچنىڭ ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقمىغان. «ئېھتىمال بىرى دەرياغا ئىتتىرىپ تاشلىغان بولىشى مۇمكىن، ئېھتىمال ھېچقانداق زوراۋانلىققا ئۇچرىغان ئىز قالدۇرمىغان بولىشى مۇمكىن» دېگەن. شۈكرى غەنىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بولسا يۈرەك تىقىلمىسى سەۋەبلىك ئۆلدى دەپ قارىغان. ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، شۈكرى غەنىم 29-ئاپرېل سەھەردە ئائىلىسىدىن ئايرىلغان، جەسىتىنىڭ سۇدا لەيلەپ تۇرغان ۋاقتىمۇ ئۇزۇن ئەمەس ئىكەن. 69 ياشقا كىرگەن شۈكرى غەنىم 2003-يىلى 3-ئايدىن 2006-يىلى 5-ئايغىچە قازافى ھاكىمىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى بولغان، 2006-يىلى 3-ئايدىن 2011-يىلى 5-ئايغىچە لىۋىيە دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ لىدىرى ۋە نېفىت مىنىستىرى بولغان. 2011-يىلى 5-ئايدا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېلىپ ئىتالىيەگە قېچىپ كەتكەن ھەمدە قازافىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىغان. (نەپرەت) لىۋىيەنىڭ نېفىت مىنىستىرى تۇنىسقا قېچىپ كەتتى