جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 27-نويابر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە قوماندانى ئەمىر ئەلى ھاجىزادەھنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئىران چەتئەل قوشۇنلىرىنىڭ ھەربىي زەربىسىگە ئۇچرىسا، ئىران ئالدى بىلەن ش ئا ئە ت نىڭ تۈركىيەدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىغا زەربە بېرىدىكەن. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئەمىر ئەلى ھاجىزادەھ ئىراننىڭ غەربىدىكى خوررامئاباد شەھىرىدە ئاممىغا سۆز قىلغاندا، ئىراننىڭ مەيدانى «جانغا جان ئېلىش» ئارقىلىق تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ:«ئەگەر بىز تەھدىتكە ئۇچرىساق، ھۇجۇم قىلىدىغان بىرىنچى نىشانىمىز ش ئا ئە ت نىڭ تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى بولىدۇ» دېگەن. ئىگىلىنىشچە، ئۇ تۇرۇشلۇق قىسىم ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى باشقۇرۇشقا مەسئول ئىكەن. ئىلگىرى ئىران ئەمەلدارلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، ئىستراتىگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەن ئىدى، ئەمما بۇ قېتىم ھاجىزادىنىڭ ئىپادىسى ئىراننىڭ تۇنجى قېتىم تۈركىيەگە ھەربىي ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى. ئەمىر ئەلى ھاجىزادەھ ئىلگىرى ئىسرائىلىيە ئىرانغا ھۇجۇم قىلسا، ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىپ، ئىسرائىلىيەنى «تارىخنىڭ ئەخلەت ساندۇقى» غا تاشلىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 9-ئايدا، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، ش ئا ئە ت نىڭ تۈركىيەدە ئالدىن سىگنال بېرىش رادار سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياۋروپانىڭ سىرتىدىن كەلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىدىن مۇداپىئەلىنىدىغانلىقىنى، مۇداپىئەلىنىش دائىرىسى ئىراننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ ھەرىكەتكە كېلىدىغانلىقىدىن ئۈمىد بارلىقىنى ئېيتقان. ئىراننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋاھىدى ش ئا ئە ت نىڭ بۇ پىلانىدىن نارازى بولغان، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسلام دۆلىتىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلىقى تېخىمۇ كۆپلىگەن بىخەتەرلىك ئاپەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ دەپ قارىغان. ئىراننىڭ ھەر قانداق ئىغۋاگەرچلىك قىلمىشلىرىغا كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سېستىما ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا قارار چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۈركىيە ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان 11-ئاينىڭ 15-كۈنى دېيىشىچە، ئەگەر تۈركىيەدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرسا، تۈركىيە بۇ سىستېمىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك ئىكەن. (نەپرەت)