(
مۇتاسسىمنىڭ ئۆلۈم دوكلاتى)
شىنخۇا تورى 26-ئۆكتەبىر خەۋىرى: 25-ئۆكتەبىر لىۋىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئىككى خادىمى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھاۋالىسى بىلەن قازافىنى سەھرايى كەبىر چۆلىگە ئېلىپ بەرىپ مەخپى دەپنە قىلدى. ئېلىپ مېڭىشتىن بۇرۇن قازافىنىڭ شەخسى ئىمامى خالىد تانتۇس قازافى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مۇتاسسىمنىڭ جەسىدى يېنىدا قۇرئان قىرائەت قىلدى. خالىد تانتۇس قازافى بىلەن بىللە تۇتۇلغان بولۇپ ئۇندىن باشقا قازافىنىڭ نەۋرە تۇققانلىرىدىن مەنسۇر ئىبراھىم بىلەن ئەھمەد ئىبراھىممۇ قازافىنىڭ ئىسلام قائىدىلىرى بىلەن بولۇنغان نامىزىغا قاتناشتى. لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى ئابدۇل مەجىد مۇلاجىد :" ئىمام نامازنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن مېيىت ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت مەخسۇس بەلگىلىگەن كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى. ئۇلار مىيىتنى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە ئەكىرىپ دەپنە قىلىدۇ." دېدى. "قاتار يېرىم ئارىلى تېلېۋىزىيىسى 25-ئۆكتەبىر خەۋىرى" : خەۋەرچىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە سەيشەنبە كۈنى تاڭ ئاتارغا يېقىن لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى قازافى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى مۇتاسسىمنى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر مەخپى جايغا دەپنە قىلغان. ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئاشكارىلاپ : ئۇلار سەيشەنبە كۈنى نام نىشانسىز قەبرىگە دەپنە قىلىندى، بۇنىڭدىكى مەقسەت قەبرىنىڭ باشقىلارنىڭ قەستەن بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن. قازافىنىڭ قەبىلىسىدىن بىر نەچچە مويسىپىت ئۇلار ئۈچۈن قۇرئان ئۇقۇپ دۇئا قىلدى" دېدى. (دىلئارام)
(لىۋىيەدىكى كىشىلەر قازافى تۇتۇلۇشتىن بۇرۇن ئولتۇغان ماشىنا ئۈستىدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە)
(قازافى تۇتۇلغاندىن كىيىن قاتتىق ئۇرۇلغان)
( بۇ ئادەم "قازافىنى مەن ئۆلتۈرگەن" دىگەن)