ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

تۈركىيەدىكى يەر تەۋرەشنىڭ ئەڭ يىڭى ئەھۋالى

2011-يىلى10-ئاينىڭ26-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
تۈركىيە باش مىنىستىر مەھكىمىسىنىڭ 25 -ئۆكتەبىردىكى باياناتىدا، 23 -ئۆكتەبىرتۈركىيەنىڭ شەرقى قىسمىدىكى ۋان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 432 ئادەمگە ،يارىلانغانلار سانى 1352 ئادەمگە ، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىمارەتلەر سانىنىڭ 2262
  

تۈركىيە باش مىنىستىر مەھكىمىسىنىڭ 25-ئۆكتەبىردىكى باياناتىدا، 23-ئۆكتەبىرتۈركىيەنىڭ شەرقى قىسمىدىكى ۋان ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن ئېغىر يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 432 ئادەمگە ،يارىلانغانلار سانى 1352ئادەمگە ، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىمارەتلەر سانىنىڭ 2262گە يەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.      تۈركىيە قىزىل ھىلال ئاي جەمىيىتى (قىزىل كىرىست جەمئىيىتىگە ئوخشاپ كىتىدىغان بىر جەمئىيەت) ئاپەت رايونىغا 13مىڭدىن ئوشۇق چېدىر تارقاتقان، يەنە قىرىق مىڭدىن ئارتۇق ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىنى ۋاقىتلىق   پاناھ جاي بىلەن تەمىنلەشنى پىلان قىلىۋېتىپتۇ.   قۇتقۇزۇش جەريانىدىكى تەسىرلىك ۋەقەلەر                
14كۈنلۈك بولغان بوۋاق  47 سائەتتىن كېيىن يەر ئاستىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى
   تۈركىيىدە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ، قۇتقۇزغۇچى خادىملار  دەل ۋاقتىدا جىددى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى. 25-ئۆكتەبىر تۈركىيەنىڭ بىر قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئالىكىس خارابىسىدىن تۇغۇلغىنىغا ئەمدىلا 14كۈن بولغان بىر قىز بۇۋاقنى قۇتقۇزۇپ چىققان بولۇپ ، بوۋاقنىڭ داشقاللار ئاستىغا قاپسىلىپ قالغىنىغا 47 سائەت بولغانىكەن.     "ئەزرا"ئىسىملىك بۇ بوۋاق  ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىر ئىمارەتنىڭ خارابىسىدە بايقالغان بولۇپ ، قۇتقۇزغۇچىلار ئۇنى بايقىغىنىدا قىپيالىڭاچ بۇ بۇۋاقنى ئانىسى باغرىغا چىڭ بېسىپ تۇرۇۋاتقان ئىكەن. ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇ ۋاقىتتا بۇ جاينىڭ تېمپىراتۇرىسى ئاللاقاچان نۆلدىن تۈۋەنگە چۈشۈپ بولغان.     قۇتقۇزغۇچى خادىم بۇۋاقنى خارابىدىن قۇچاغلاپ چىققان ھامان بىر توپ قۇتقۇزغۇچى خادىملار يۈگۈرۈپ كىلىپ ئاجىزلىشىپ كەتكەن بوۋاققا ھەرخىل قۇتقۇزۇشلارنى ئېلىپ  بارغان. يۇڭ ئەدىيالغا يۆگەپ قۇتقۇزۇش بۆشۈكىگە ياتقۇزۇلغاندىن كېيىن بۇ ۋاققا ئوكسىگىن بېرىلگەن . ئارقىدىنلا قۇتقۇزغۇچى خادىملار "ئەزرا" نىڭ ئانىسى ۋە 73ياشلىق مۇمىسىنىمۇ قۇتقۇزۇپ چىققان. لېكىن دادىسىنىڭ ھايات ماماتى تېخى ئېنىق ئەمەسكەن.    خارابىدىن تۆشۈك تىشىپ قۇتقۇزۋېلىنغان ياش    18ياشلىق يىگىت مەسئۇت تاشلار دۆۋىسى ئاستىدا 38سائەت تىركەشكەندىن كېيىن ئاخىرى قۇتقۇزغۇچىلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.  بىر چاي خانىنىڭ خارابىسى ئاستىدىن تارتىپ چىقىرىلغان مەسئۇد تىترەپ تۇرغان ئاۋازى بىلەن " قىيامەت كۈنىنى كۆرگەندەك بولدۇم" دېدى ۋە ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ئېيتتى. يەر تەۋرىگەن ۋاقىتتا ئۇ بىر نەچچە دوستلىرى بىلەن چايخانىدا كۆڭۈل ئېچىۋاتقان ئىكەن .(دىلئارام)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!