
يېقىندا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروپپىسورى بۇلبۇل ئەكرەم نەشىرگە تەييارلىغان«تەقلىدىي سۇئال،ئۈلگىلىك ئەسەر»نامىلىق كىتاب شىنجاڭ پەن تېخنىكا نەشىرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىندى.بۇ كىتاب مەخسۇس ئالىي مەكتەپكە ئىمتاھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن لاھىيلەنگەن«تىل-ئەدەبىيات»تەقلىدىي ئىمتاھان سۇئاللىرىنىڭ ماقالە يېزىقچىلىقى تەلىپىنى ئورۇنلاش ئاساسىدا تەييارلانغان.كىتابتىكى ماقالە-ئەسەرلەر كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ،ماتېرىيال تاللاش،مەركىزىي ئىدىيە بېكىتىش،قۇرۇلما،تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش ۋە ھەجىم قاتارلىق تەرەپلەردە پۈتۈنلەي ئالىي مەكتەپ ئىمتاھان تەلىپىگە لايىقلاشقان. تەقلىد قىلىپ يېزىش- يېزىقچىلىقنى ئۆگىنىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملىك ئۇسۇللارنىڭ بىرى.شۇنداق بولغاچقا بۇ كىتاب كەڭ ساۋاقداشلارنىڭ ئىمتاھان ئەسەرلىرىنىڭ يېزىلىش ئالاھىدىلىكى ۋە تەپەككۇر شەكىللىرىنى ئىگىلىشىگە يېقىندىن ياردەم بېرەلەيدۇ.ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كېيىنكى ئستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان تەلەپچان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بۇ كىتابنى تەشۋىق قىلىشىنى، مەكتەپ ۋە سىنىپلارنى بىرلىك قىلغان ھالدا مۇشتەرى توپلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
كىتابنىڭ ئەسلى باھاسى 38 يۇەن،كوللىكتىپ زاكاس قىلغۇچىلارغا 30 يۇەندىن بېرىلىدۇ.
ئالاقىلاشقۇچى:قەشقەر گېزىتى ئىدارىسىدىن ئابلەت جۈمە تۇپراق
ئالاقىلىشىش تېلفونى: 0998 —2290930، 18997751625