يەرشارى تورى خەۋىرى: CNN نىڭ 24 _ ئۆكتەبر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىنسانىي ھوقۇق تەكشۈرۈش تەشكىلاتى مەلۇم بىرىنىڭ لىۋىيە سىرتە رايونىدىكى ئىنقىلابچىلار كونتىروللىقىدىكى مېھمانخانا ئىچىدەقازافى قوللىغۇچىلىرىنىڭ جەسىتىدىن 53 نى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى شۇ جاي ۋاقتى 23 _ ئۆكتەبر، سىرتەدىكى ماھارى مېھمانخانىسى (Hotel Mahari) دا تاغدەك دۆۋىلەنگەن جەسەتلەرنى بايقىغان. بۇ تەشكىلات يېتىپ بارغان ۋاقىتتا، تەخمىنەن 20 نەپەر شۇ جاي پۇقراسى بۇ جەسەتلەرنى خالتىغا پۈكلەپ سېلىپ كۆممەكچى بولۇۋاتقان ئىكەن. خەۋەردە ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتى باياناتچىسىنىڭ گېپىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: "بىز سىرتەدىكى بىر تاشلاندۇق مېھمانخانىدا 53 چىرىپ كەتكەن جەسەتنى بايقىدۇق، بۇلارنىڭ ئىلگىرىكى قازافىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. بەزىلىرىنىڭ قوللىرى كەينىگە باغلانغاندىن كېيىن، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. بىز لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېزدىن بۇ ئىشقا دىققەت قىلىشىنى ھەمدە زادى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز." دېگەن. لىۋىيە "ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى" ۋاقتىنچە بۇ ئىشقا نىسبەتەن ھېچقانداق باھا بەرمىگەن. لېكىن سىرتە ئاھالىلىرى، ئۇلار ئۇرۇش ئاخىرىلىشىپ ئۆيلىرىگە قايتقاندىلا بۇ جەسەتلەرنى بايقىغانلىقىنى، بەزى جەسەتلەرنىڭ چىرايىدىن قازافىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى تونۇغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەردە يەنە دېيىلىشىچە، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ دەسلەپكى پەرىزىچە، بۇلارنىڭ قازا قىلغان ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 13 _ كۈنىدىن 19 _ كۈنىگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئىكەن. گەرچە سىرتە قازافىنىڭ يۇرتى بولسىمۇ، شۇنداقلا لىۋىيەدىكى ئەڭ ئاخىرىدا ئازاد قىلىنغان رايون بولسىمۇ، بىراق بۇ مېھمانخانا تۇرۇشلۇق جاي 10 _ ئاينىڭ باشلىرىدىلا لىۋىيە ئىنقىلابچىلىرى تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنغان ئىكەن. ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى "نۆۋەتتىكى ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىچىدىكى بىر قىسىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار قامالغان مەزگىلدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. ئەگەر لىۋىيە يېڭى ھۆكۈمىتى بۇ جىنايەتنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشقا ئامالسىز بولسا، بۇ كىشىلەرگە قازافىغا قارشى ئەسكەرلەر ھەرقانداق ئىش قىلسا جازاغا تارتىلمايدۇ دېگەنلىك بىلەن ئوخشاش." دېگەن. (mehray)