ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

كېنىيە فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەل شاباب تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشكە ئارىلاشقانلىقىنى بىلدۈردى

2011-يىلى10-ئاينىڭ24-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
سومالى ئەل شاباب قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئەبۇ مۇسكاب جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ئۆكتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، كېنىيە دائىرلىرى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسى سومالىدى
  

 

سومالى ئەل شاباب قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئەبۇ مۇسكاب

 جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ئۆكتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، كېنىيە دائىرلىرى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسى سومالىدىكى ئەل شاباب قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ تايانچ نۇقتىسغا يېقىن كەنتنى بومباردىمان قىلغان. بۇ كېنىيەنىڭ تۇنجى قېتىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سومالى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلارغا زەر بېرىش ئۇرۇشىغا ئارىلاشقانلىقىنى ئىسپاتلىشى ئىكەن. شۇ كۈنى نەچچە مىڭ ئامما ئافرىقا ئىتتىپاقى بىلەن ئەل شاباب تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇشىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، پايتەخت موقدىشۇغا يېقىن بىر مۇساپىرلار لاگىرىدىن قېچىپ چىققان. سومالىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا، كېنىيە قىسىملىرىمۇ قوراللىق كۈچلەر كونتروللىقىدىكى شەھەر-بازارلارغا ئەسكەر كىرگۈزگەن. كېنىيە ھەربىي كۈچلىرى ئالدىنقى ھەپتە سومالىغا كىرىپ، ئەل شاباب تەشكىلاتى قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىشكە باشلىغان.

كېنىيە ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى بىلدۈرۈشىچە، فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە سومالى ئەل شاباب تەشكىلاتى كونتروللىقىدىكى كىسمايو (Kismayo) غا يېقىن بىر كەنتنى بومباردىمان قىلغان. ئالدىنقى ھەپتە كېنىيە ئەمەلدارى فرانسىيەنىڭ سومالىدا ھەرىبىي ھەرىكەت باشلايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان، فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا ئىنكار قىلغان. بۇ باياناتچىنىڭ دېيىشىچە، كېنىيە ئارمىيىسى بىلەن سومالى ئەل شاباب تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇشى ئافمادوۋ (Afmadow) بازىرىدا پات ئارىدا باشلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن، بۇ جاي كىسمايوغا يېقىن ئىكەن. مەزكۇر بازاردىكى نەچچە يۈز ئامما 23-ئۆكتەبىر چېكىنىپ چىققان. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!