ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىران ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى: ئامېرىكىنىڭ ئىران سەئۇدى ئە

2011-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى: ئىران ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ھۆسەيىن سالامى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئىراننى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشتى دەپ ئەيىبلىشى بىر مەيدان قىلچىمۇ ئاساسى يوق ئويۇن. ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا رەھبەرلىرى دىپلوماتىيە جەھەتتە ئۇدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ ھالاكەتكە ئۇچرىغانلىقىغا بولغان دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن، يالغان ياۋىداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ يولسىز تالاش-تارتىشلارنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىش غەرىزىدە بولماقتا. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئىران ئەمەلدارلىرى ئارقا ئارقىدىن سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قەستلەشكە قاتناشتى دېگەن ئەيىبلىشىگە رەددىيە بەردى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 11-ئۆكتەبىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئادىل جۇبەيىرنى قەستلەش سۇيىقەستنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىسىنىڭ ئىران ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئارقىدىن ئادىل جۇبەيىرنى قەستلەشكە ئۇرۇنغا بەش گۇماندارغا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.   تەرجىمان: ئىلھام مامۇت  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
تەۋىسسيەلىك
بۈگۈنكى خەۋەرلەر