ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ ئەمەلدارنىڭ ئىسمى زادران بولۇپ ، ئۇ 13–ئۆكتەبىر خاقانى تەشكىلاتىنىڭ تايانچ پونكىتىدا شىمالىي ۋەزىرىستاننىڭ ئاساسلىق بازىرى مىرانشاھ ئەتراپىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن . بۇ يەر ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئافغانىستان چېگرىسىدىكى ئاساسلىق پاناھگاھى ئىكەن . بۇ ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە ، زادران بىرلەشمە ئارمىيە ئېتىپ ئۆلتۈرگەن خاقانىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى ئىكەن .
زادراننىڭ ئۆلۈمى، بۇ تەشكىلاتقا نىسبەتەن ئېغىر زەربە بولۇپ ، ئامېرىكا ‹‹ خاقانى ›› نى ئۆزىگە نىسبەتەن ئەڭ خەتەرلىك تېررورلۇق تەشكىلات دەپ ھېسابلايدىكەن .
بۇ قېتىمقى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئەلچىسى گروسسىمان پاكىستانغا يېتىپ بېرىشتىن بىر نەچچە سائەت بۇرۇن يۈز بەرگەن . گروسسىماننىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى ئاساسلىقى ئامېرىكا - پاكىستان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى سۆھبەتكە قاتنىشىش ئىكەن . ئامېرىكا پاكىستاننىڭ خاقانىنى قوللىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئېغىر زىيانغا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى ، دەپ كۆرسەتتى .
پاكىستاننىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە ، خاقانىنىڭ ‹‹ ماسلاشتۇرغۇچىسى ›› بولغان زادراننىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى سىراجىدىن خاقانى بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولۇپ ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان يەرمۇ خاقانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر مەدرىسەكە يېقىن ئىكەن .
‹‹ خاقانى ›› نىڭ ‹‹ ئەلقائىدە ›› بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولۇپ ، ئۇ ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەڭ ئۇيۇشۇشچانلىققا ئىگە قوراللىق تەشكىلات . بۇ تەشكىلات ، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى ياۋروپا ئەلچىخانىلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىشنى تەشكىللىگەن ، دەپ ئەيىبلەنگەن .