ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامرىكا جەسەت تەكشۈرۈش دوختۇرى جىكسوننىڭ يالىڭاچ رەسىنى ئاشكارلىدى

2011-يىلى10-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە: يوللىغۇچى:
12- ئۆكتەبىر ،سىرىتقى ئاخپىرات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، ئامرىكىنىڭ مودا ئىقىم ناخشا شاھى مايكىل جىكسۇننىڭ ئۆلۈم ئەنزىسى 11- ئۆكتەبىرگىچە تەكشۈرۈلدى . جىكسوننىڭ جەسىتىنى ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇر لوجىس نىڭ سوتتا ئىسپاتلىشىچە ،ئۇ جىكسوننىڭ جەسىت
  

 

12- ئۆكتەبىر ،سىرىتقى ئاخپىرات ۋاستىلىرىنىڭ  خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، ئامرىكىنىڭ مودا ئىقىم ناخشا شاھى مايكىل جىكسۇننىڭ ئۆلۈم ئەنزىسى 11- ئۆكتەبىرگىچە تەكشۈرۈلدى . جىكسوننىڭ جەسىتىنى ئوپراتسىيە قىلغان دوختۇر لوجىس نىڭ سوتتا ئىسپاتلىشىچە ،ئۇ جىكسوننىڭ جەسىتىنىڭ رەسىمىنى كۆرسەتكەن ھەمدە جىكسوننىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنىڭ ھەرگىزمۇ  ئۆزىگە كۆپ مىقداردا تىنىچلاندۇرۇش ھوكۇلى سالغانلىق سەۋەبىدىن ئەمەسلىكىنى  بىلدۈردى .

جىكسوننىڭ ئوپرتسىيە كارۋىتىدا ياتقان جەسىتى  رەسىمگە تارتىلغان بولۇپ ، لوجىسنىڭ دىيىشىچە ئۇنىڭ بىلىكى ۋە يوتىسىدا تىنىچلاندۇرۇش ئوكۇلى ئۇرغان تارتۇقلار بار ئىكەن . جەسەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئىسپاتلىنىشىچە ، جىكسوننىڭ شەخسى دوختۇرى كەيلادى مولى جىكسوننىڭ ئۇخلىشىغا ياردەم قىلىپ ،خاتا ھالدا ئوكۇلنى كۆپ ئۇرىۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن  كىلىپ چىققانلىقىنى  ئىسپاتلىدى .

جىكسوننىڭ شەخسى دوختۇرى موسى نىڭ سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى نۆۋەتتە ئۈچىنچى ھەپتىگە كىردى . ئۇ نىڭ كۆپ مىقداردا ئۇكۇل ئۇرۇش سەۋەپلىك  جىكسوننىڭ ئۆلىمى كىلىپ چىققان دەپ ئەيىپلەندى . مولى نىڭ ئادۇكاتىنىڭ دىيىشىچە جىكسون تىنىچلاندۇرۇش دورىسىغا خۇمار بولۇپ قالغان بولۇپ ، شۇ ۋاقىتتا ئۇ موسى  ئۆيدىن ئايرىلغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىگە كۆپ مىقداردا  ئوكۇل ئۇرۇۋالغان  .

 مولى نىڭ ئالدىنقى ھەپتە ساقچىلارغا ئاشكارلىشىچە ، 2009- يىلى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى جكسون ئۆلگەن كۈنى  ئۇ جكسوننىڭ كارىۋىتى تۈۋىدىن ئىككى مىنۇتلا ئايرىلغان ،قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا جىكسون ئاللىقاچان نەپەسلىنىشتىن توختىغان .

ئەمما لوجىسنىڭ قارىشىچە  تىنىچلاندۇرۇش ئوكۇلى ئۇرۇلۇپ بولغان جىكسون ھەرگىزمۇ بۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىگە يەنە بىر قىتىم ئوكۇل ئۇرالمايدىكەن .  بۇخىل ئىھتىماللىقنىڭ ئىنتايىن كىچىكلىكىنى .چوقۇم مولى خاتا ھالدا ئوكۇلنى كۆپ ئۇرۇۋەتكەن  دىدى.

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!