ھازىرقى زامان تۇرالغۇ ئۆيلىرىگە دائىر ساقلىقنى ساقلاش ئۆلچىم

ۋاقتى:2009-10-03 09:12مەنبە: تەھىرىر: چېكىلىشى:قىتىم
سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا ، ئادەمنىڭ 2/3 قىسىم ھاياتى ئۆيدە ئۆتىدىكەن . بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ ئۆيدىكى ۋاقتى بۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولۇپ ، ئۆيدە ساقلىقنى ساقلاش شارائىتىنىڭ قانداق بولۇشى ساغلاملىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن . شۇ سەۋەبتىن ساقلىقنى ساقلاش م
   سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا ، ئادەمنىڭ 2/3 قىسىم ھاياتى ئۆيدە ئۆتىدىكەن . بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ ئۆيدىكى ۋاقتى بۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولۇپ ، ئۆيدە ساقلىقنى ساقلاش شارائىتىنىڭ قانداق بولۇشى ساغلاملىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن . شۇ سەۋەبتىن ساقلىقنى ساقلاش مۇتەخەسىسلىرى ھازىرقى زامان تۇرالغۇ ئۆيلىرىنىڭ شارائىتىغا دائىر تۆۋەندىكى ئۆلچەملەرنى ئوتتۇرىغا قويدى . 1. قۇياش نۇرى ھاۋادىكى كېسەللىك مىكروبلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ ، ئادەم بەدىنىڭ ئىممۇنىت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ . مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە ، ئۆي ئىچىگە كۈنىگە تەخمىنەن ئىككى سائەت ئەتراپىدا قۇياش نۇرى چۈشىدىغان بولۇش ساغلاملىققا زۆرۈر بولغان ئەڭ تۆۋەن تەلەپ ئىكەن . 2. يورۇتۇش دىگەنلىك ، ئۆي ئىچىگە تەبىئىي يورۇقلۇق چۈشىدىغان بولۇش دېگەنلىك بولۇپ ، دېرىزىنىڭ كۆلىمى بىلەن ئۆينىڭ كۆلىمى 1/15 نىسبەتتىن كىچىك بولۇپ قالماسلىقى كېرەك . 3. بەلگىلىمىدە ئۆي ئىچى ئېگىزلىكى 2.6 - 2.8 مېتىرغىچە بولۇش بەلگىلەنگەن . ئينىڭ ئېگىزلىكى بۇ ئۆلچەمگە يەتمىگەندە ئادەم سىقىلىش ھېس قىلىدۇ . تەجرىبىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ئۆينىڭ ئېگىزلىكى 2.55 مېتىر بولغاندا ئۆي ئىچىدىكى كاربۇنⅣ ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇقى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆرلەپ ، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ سۈپىتىگە تەسىرى بولىدىكەن . 4. ئۆي ئىچى تىمپىراتۇرىسى قىش كۈنلىرى 12 سىلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن ، ياز كۈنلىرى 30 سىلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك . ھۆللۈك نىسبىتى %65 ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق . 5. ئۆي ئىچى ھاۋاسىدىكى تۈرلۈك مىكروب ، چاڭ - توزان ئارىلاشقان ماددىلار ، كاربۇنⅣ ئوكسىد قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنىڭ مىقدارى مەلۇم مىقداردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك . ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئۆلچىمى يوقارقىلاردىن باشقا يەنە نەملىكتىن ساقلىيالايدىغان ، ئاۋاز ئايرىشچانلىققا ئېگە بولۇشى كېرەك .
ياخشىكەن
(3)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • يېڭى بېزىگەن ئۆيدىكى زەھەرلىك ھاۋانى تازىلاش ئۇسۇلى

    ئۆينى يېڭىدىن بىزەپ بولغاندىن كىيىن تېزدىن كۆچۈپ كىرمەڭ ، ئاۋۋال ئۆيدىكى زەھەرلىك گازلارنى ئۈزۈل كېسىل تازىلىۋىتىش كېرەك ، بولۇپمۇ كىچىك بالىلىرى بار ئائىلىلەر بۇ ئىشقا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك . 1. دېرىزىلەرنى ئېچىپ شامال ئۆتۈشتۈرۈڭ . يېڭىلا بېزىلىپ پۈ...

  • سالامەتلىككە پايدىلىق ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئۆلچىمى

    ئاھالىلەر ئولتۇراق رايۇنىدا تۆۋەندىكىدەك تۆت مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەنسە ،سالامەتلىككە پايدىلىق ئولتۇراق رايۇنى ئۆلچىمىگە يەتكەن بولىدۇ . 1.ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولسا ، سالامەتلىككە پايدىلىق ، ھاۋا ھالىتىنىڭ ياخشى بولۇشى ئولتۇراق رايۇنىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئۆلچەملەر...

  • كومپيۇتېر ئۆيىنى لايىھىلەشتە...

    كومپيۇتېر مەشغۇلات ئۆيىنى لايىھىلەش ۋە بېزەشتە تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ 1.كومپيۇتېر ياخشى ھاۋا ئالمىشىش مۇھىتىغا مۇھتاج. بۇ ، كومپيۇتېرنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشىغا پايدىلىق. شامال ئۆتۈشۈپ تۇرسۇن. بىراق چاڭ- توزان بولمىسۇن. 2.كومپيۇتېر قويۇلغان ئۆينىڭ...

  • گىلەمدىكى كۆيۈك ئىزىنى يوقىتىش

    گىلەمنىڭ ئۈستى ئازراق كۆيۈپ قېلىش تۈپەيلىدىن قارا ئىز قالغان بولسا، ئۇ ئانچە ئېغىر بولمىغان ئەھۋالدا، كۆيگەن جاينى يىرىك قىللىق چوتكا بىلەن چوتكىلىۋەتسىلا بولىدۇ. ئەگەر ئېغىرراق بولسا، گىلەمنىڭ ئۆي جاھازلىرىنىڭ پۇتىنىڭ ئاستىدا بېسىلىپ تۇرغان جايلىرىدىكى ي...

  • دېرىزە ئەينىكىدىكى ھاك يۇقۇندىلىرىنى چىقىرىش

    كونا ئۆيلەرنى رېمونت قىلغاندە ۋە ھېيت-بايراملاردا ئۆي ئاقارتقاندا ھەمىشە چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس مۇنداق بىر ئاۋارىچىلىق بىرگە كېلىدۇ: ھاك سۈيى ئىشىك-دېرىزە ئەينەكلىرىگە ھەرقانچە ئېھتىيات قىلغان بىلەنمۇ يۇقۇپ قالىدۇ. بۇنى ئادەتتىكى سۈزۈك سۇ بىلەن يۇيۇپ...