ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

يەمەندىكى قانلىق ئۇرۇشتا ئۆلۈم-يېتىم سانى داۋاملىق ئاشماقتا

2011-يىلى09-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 21-سېنتەبىر خەۋىرى: يەمەن سالىھ ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئىتتىپاقى جىددىي كېڭىشىۋاتقان پەيتتە، نەچچە مىڭ يەمەنلىق نامايىشچى ۋە ئۆكتىچىلەرگە قېتىلغان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى پايتەخت سانادا ھۆكۈمەت ئ
  

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 21-سېنتەبىر خەۋىرى: يەمەن سالىھ ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئىتتىپاقى جىددىي كېڭىشىۋاتقان پەيتتە، نەچچە مىڭ يەمەنلىق نامايىشچى ۋە ئۆكتىچىلەرگە قېتىلغان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى پايتەخت سانادا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئېتىشقان، ئېتىشىشتا 12 ئادەم ئۆلگەن. 18-سېنتەبىردىن باشلانغان توقۇنۇشلاردا ئۆلگەنلەر سانى 70 نەچچىگە يەتكەن. سانا شەھىرىدىكى مۇھەممەد ئىسىملىك كىشى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئاشكارلىشىچە، نۇرغۇن كوچىلاردا ھەر ۋاقىت ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرغاچقا، كىشىلەر ئۆيىدە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. نۇرغۇن ئۆيلەردە توك توختاش، سۇ توختاش، ئېنتىرنېت تورى ئۈزۈلۈشتەك مۈشكۈل ئەھۋالغا قالغان. سانا ۋە جەنۇبىي قىسىمدىكى تايىز ئۆلكىسىنىڭ مائارىپ، سەھىيە ۋە ئىقتىساد سىتېمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكىنىڭ «دېڭىز قولتۇقى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى ئۇدا كەسكىنلىشىۋاتقان قانلىق ئۇرۇشقا قارىتا، يەمەننىڭ مۇئاۋىن پىرىزدېنتى ھادى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى قىسىملارنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىپ، تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىش ئىشىنى ئورتاق مەسلىھەتلىشىشكە دەۋەت قىلغان. ئۆكتىچىلەر تەرەپكە قېتىلغان يەمەن ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنرالى مۇخسىن 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ھۆكۈمەت بىلەن بىرلىكتە تىنچ ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە شارائىت يارىتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆزىنىڭ قىسىملىرىنى ئۇرۇش توختىتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈشتىن سىرت، نامايىشچىلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىكەن. بەزى ياشلار پىرىزدېنت سالىھ تەختتىن چۈشمەي تۇرۇپ بولدى قىلمايدۇ دېگەن. (نەپرەت تەرجىمىسى)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!