جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 21-سېنتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نەچچە ئون مىڭ پەلەستىن خەلقى 21-سېنتەبىر ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، پەلەستىننىڭ ب د ت غا رەسىمي ئەزا بولىشىغا مەدەت بەرگەن. پەلەستىن بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ باياناتچىسى:«نەچچە ئون مىڭ پەلەستىنلىك پۈتكۈل غەربىي قىرغاق رايونىدا يىغىلىش قىلدى» دېگەن. ئۇ يەنە يەرلىكتىكى بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ تەخمىنەن 8000 خادىمى يىغىلىشنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش ۋە ئاممىۋى مۈلۈكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا قاتناشقانلىقىنى ئېيتقان. پەلەستىن پىرىزدېنتى ئابباس ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمونغا 9-ئاينىڭ 23-كۈنى خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە رەسىمىي ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
روسىيە ئاخبارات تورىنىڭ 21-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پەلەستىننىڭ روسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى فايىد مۇستافا روسىيە ئاخبارات تورى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىپ، 140 دىن ئارتۇق ب د ت دۆلىتىنىڭ ب د ت يىغىنىدا پەلەستىننىڭ ب د ت غا كىرىش ئىلتىماسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان. «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 20-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان باش مىنىستىرى مانموخان سىنگى پەلەستىن پىرىزدېنتى ئابباسقا خەت يېزىپ، ب د ت يىغىنىدا ھىندىستاننىڭ پەلەستىىنىڭ دۆلەت قۇرۇش تەلىپىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان. سىنگى خېتىدە:«ھىندىستان پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق نىشانىغا يېتىشىنى ھەمدە ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى. مەن سىزگە شۇنداق ۋەدە بېرەيكى، ھىندىستان ب د ت يىغىنىدا پەلەستىننى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ» دېگەن. (نەپرەت تەرجىمىسى)