شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىشكەك، 20 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. خەلقئارا يېزىقلىق تېلېگراف ئاگېنتلىقىنىڭ 19 – سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستاننىڭ شىمالىدىكى چۇ دەرياسى ئوبلاستىدىكى دېھقانلار ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانلىرىنىڭ كېرەكسىز يېقىلغۇلىرىنىڭ بۇ جاينىڭ مۇھىتىنى بۇلغىغانلىقىدىن نارازى بولۇپ، پارلامېنتتىن قارار ماقۇللاپ، ئامېرىكا ئىجارىگە ئالغان ماناس خەلقئارا چېگرادىن ئۆتۈپ يۆتكەش مەركىزىنى تاقاشنى تەلەپ قىلدى.
قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزاسى قارىپبېك سېرىنوۋ پارلامېنتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىغا: 2007 – يىلىدىن بۇيان، ماناس خەلقئارا چېگرادىن ئۆتۈپ يۆتكەش مەركىزىدىكى ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى چۇ دەرياسى ئوبلاستىدىكى بەزى ئاھالىلەر رايونىغا كېرەكسىز يېقىلغۇ ماتېرىياللىرىنى تاشلاپ، مۇھىتقا ئېغىر ئەكس تەسىر يەتكۈزدى. كېرەكسىز يېقىلغۇ ماتېرىياللار دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى كۆيدۈرۈپ، دېھقانلارنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى. ھازىر بۇلغانغان رايوننىڭ دائىرىسى يىلمۇ يىل كېڭىيىۋاتىدۇ، دېدى. ئۇ پارلامېنتتىن بۇ مەركەزنى تاقاش تەكلىپ لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى ھەم دېھقانلارنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.