ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

شياڭگاڭ ساقچىلىرى زور مىقداردىكى كوكايىننى قولغا چۈشۈردى

2011-يىلى09-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورىنىڭ 18 -سىنتەبىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا شياڭگاڭ ساقچى تەرەپ شۇ كۈنى زور بىر زەھەرلىك بۇيۇم يۆتكەش دېلوسىنى پاش قىلىپ، 600 مىليۇن شياڭگاڭ دوللىرى ( 77 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى) قىممىتىدىكى 557 كىلوگرام كوكايىننى قولغا چۈشۈرگەن، ئالتە ئ
  


شىنخۇا ئاگېنتلىقى تورىنىڭ 18-سىنتەبىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا شياڭگاڭ ساقچى تەرەپ شۇ كۈنى زور بىر زەھەرلىك بۇيۇم يۆتكەش دېلوسىنى پاش قىلىپ، 600 مىليۇن شياڭگاڭ دوللىرى (77 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى) قىممىتىدىكى 557 كىلوگرام كوكايىننى قولغا چۈشۈرگەن، ئالتە ئەر ۋە ئىككى ئايال سەككىز نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان. بۇ شياڭگاڭ ساقچى تەرەپ پاش قىلغان ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق زەھەر دېلوسى ئىكەن.
ساقچى تەرەپ ئېلان قىلغان باياناتتا دېيىلىشىچە شياڭگاڭ ساقچى ئىدارىسى دېلو ھەققىدىكى ئىزدەش، سوراق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ قولغا چۈشۈشى مۇمكىنكەن.
باياناتتا ساقچى تەرەپ يەنە قولغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، سەككىز نەپەر گۇماندارنىڭ بىرى ئامېرىكىلىق، بىرى كولۇمبىيىلىك، بىرى شياڭگاڭلىق، قالغان بەش نەپىرى مېكسىكىلىق ئىكەن.
بۇ يىل مارتتا شياڭگاڭ ساقچىلىرى زور بىر زەھەر دېلوسىنى پاش قىلىپ، 43 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى 372 كىلوگرام زەھەرنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، بىر نەپەر جىنايەت گۇماندارىغا 22 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. ئۇ دېلو ئەينى ۋاقىتتا شياڭگاڭ ساقچى ئىدارىسى پاش قىلغان ئەڭ چوڭ زەھەر دېلوسى بولۇپ قالغان ئىدى. (Hechkim)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!