يەر شارى تورىنىڭ 19-سېنتەبىر خەۋىرى: فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دېپلوماتىيە ئەمەلدارى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئېلان قىلغان بىر زىيارەت خاتىرىسىدە مۆلچەرلىشىچە، تۈركىيە ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىن كېيىنكى مىسىر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا «يېپيېڭى دېموكراتىك كۈچلەر ئوقى» بەرپا قىلماقچى بولغان. تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇدئوغلۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە بىلەن مىسىرنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈشى ھەقىقىي دېموكراتىيە ئوقى شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، باشقا ھېچقانداق دۆلەت بىلەن قارشىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئىسرائىلىيەگە قارىتىلىمىغان ھەم ئىرانغىمۇ قارىتىلمىغان، باشقا ھېچقانداق دۆلەتكە قارىتىلمىغان ئىكەن. داۋۇدئوغلۇ يەنە:«دېموكراتىيە قۇرۇشتا ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك» دېگەن. ئۇ ئىككى يىل ئىچىدە تۈركىيە مىسىرغا سالغان مەبلىغىنىڭ 1 مىليارد 500 ئامېرىكا دوللىرىدىن 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا كۆپىيىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن؛ 2012-يىلىغا بارغاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى 3 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 5 مىليارد ئامېرىكا كۆتۈرۈلىدىكەن، 2015-يىلىغا بارغاندا 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى بۆسۈپ ئۆتىدىكەن. (نەپرەت تەرجىمىسى)