ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

پاكىستان تالىبانلىرى تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ 15 ئادەم ئۆلدى

2011-يىلى09-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 18-سېنتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان ئەمەلدارى دېيىشىچە، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتى تالىبان قوراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە،
  

 جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 18-سېنتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان ئەمەلدارى دېيىشىچە، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش پونكىتى تالىبان قوراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 15 ئادەم ئۆلگەن. شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتە، تالىبان قوراللىق خادىملىرى ئاپتومات ۋە گراناتلار بىلەن ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان قەبىلە كىشىلىرى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرى ساقلاۋاتقان تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان، 4 نەپەر پۇشتۇ ئەرنى ۋە بىر نەپەر ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەن. قەبىلە ئەسكەرلىرى بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى 10 نەپەر قوراللىق تالىباننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. پاكىستان ئەمەلدارى رىخان ھاتەك يەنە قوراللىق كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن قوراللىرىنى ئولجا ئالغانلىقىنى ئېيتقان. ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تەكشۈرۈش پونكىتى كايبېر قەبىلىلەر رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستانغا ھەربىي لازىمەتلىك توشۇيدىغان ئاساسلىق يولى بۇ يەردىن ئۆتىدۇ. نۆۋەتتە ھېچقانداق شەخس ۋە تەشكىلات بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا مەسئول بولىدىغانلىقىنى جاكارلىمىغان، ئەمما بۇرۇن پاكىستان تالىبان تەشكىلاتى دائىم بۇ رايوندا پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ۋە تالىبانغا قارشى تۇرۇدىغان قەبىلە قۇراللىق كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!