ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى پاكىستاندا چۈشۈپ كەتتى

2011-يىلى09-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 18-سېنتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان بىخەتەرلىك تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەبىلىلەر رايونى جەنۇبىي ۋەزىرىس
  

 

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 18-سېنتەبىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان بىخەتەرلىك تارمىقىنىڭ ئەمەلدارى بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەبىلىلەر رايونى جەنۇبىي ۋەزىرىستاندا چۈشۈپ كەتكەن. پىشاۋۇردىكى بىر بىخەتەرلىك ئەمەلدارى:«ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايونىنىڭ زانگارا كەنتىدە چۈشۈپ كەتى، قارىماققا تېخنىكىلىق كاشىلا كۆرۈلۈپ چۈشۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ» دېگەن. زانگارا كەنتى جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاساسلىق بازار ۋانەنىڭ شىمالىغا 80 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. ۋانەدىكى 2 پاكىستان ئاخبارات خادىمى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەنلىك ئۇچۇرىنى ئىسپاتلىغان. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!