ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2011-يىلى07-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    يەر باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 20 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 20 – ئىيۇل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، يېقىنقى مەزگىلدە يەر باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

    يىغىندا تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى: (1) تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ ئازىيىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش كېرەك. (2) يەرنى قانۇن – بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش، قانۇن – بەلگىلىمىگە خىلاپ يەر ئىشلىتىش قىلمىشىنىڭ قايتا ئەۋج ئېلىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. دۆلەت زېمىن – بايلىق، قاتناش – تىرانسپورت، تۆمۈريول قاتارلىق تارماقلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە يەر تەستىقلانماي تۇرۇپ ئالدىن ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. (3) ‹‹دۆلەت يېرىگە سېلىنغان ئۆيلەرنى ئېلىش ۋە تولۇقلىما بېرىش نىزامى››نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى كوللېكتىپ قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەرنى باشقۇرۇشنى تېز قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. يەر ئېلىش، ئۆي چېقىش ۋە كۆچۈرۈش جەريانىدا كۆرۈلگەن قانۇنغا خىلاپ دېلولاردا قانۇن بويىچە بولۇش، كەسكىن بولۇش، ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرىي چېقىش قىلمىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. (4) كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى يەر بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يەر بىلەن تەمىنلەشنى قانۇن بويىچە تېزلىتىپ، بۇ يىل 10 مىليون يۈرۈش كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدىغان يەرگە كاپالەتلىك قىلىپ، كېلەر يىلى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا كېرەكلىك يەرنى زاپاس تەييارلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئالدىن ياخشى ئىشلەش كېرەك. (5) يەر تەڭشەش، تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ ھەم ياخشىلاپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. يەر ئىشلىتىش ئومۇمىي پىلانىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىكى تەڭشەش – تىزگىنلەش رولىنى كۈچەيتىپ، تارماق ۋە ساھەلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك پىلان بىلەن يەر ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىغا ماس كېلىدىغان يەر ئىشلىتىش ئومۇمىي پىلانى تۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    يىغىندا يەنە سەرگەردان، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى پاناھلاندۇرۇش، قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا دائىر سىياسەت – تەدبىرلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ بېكىتىلدى ھەم ‹‹ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش نىزامى›› بىلەن ‹‹ھەربىيلەرگە نەپىقە ۋە ئېتىبار بېرىش نىزامى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارار قىلىندى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!