ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

ياڭ جيېچى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى ۋە ئۈچ دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىر

2011-يىلى07-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى: دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياڭ جيېچى 21-ئىيۇل ھېندونىزىيەنىڭ بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو-ياپونىيە-كورىيە يەنى 3+10 دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو-ياپونىيە-كورىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، 3+10 ھەمكارلىقى كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇق جەھەتتە ئاكتىپ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھەر قايسى تەرەپلەر 3+10 ھەمكارلىقىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلىشى كېرەك. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياپونىيە، كورىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىردەك: 3+10 ھەمكارلىق ساھەسى كەڭ، نەتىجىسى گەۋدىلىك بولۇپ، شەرقىي ئاسىيادىكى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تاشقان ھەمكارلىق مېخانىزىمىنىڭ بىرى ۋە رايون ھەمكارلىقىنىڭ يادروسىغا ئايلاندى، دەپ قارىدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر جۇڭگو-ياپونىيە -كورىيە ئۈچ دۆلەتنىڭ بۇنىڭغا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى. شۇنداقلا، 3+10 ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. ھەر قايسى دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بۇ قېتىمقى يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەردىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.   تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!