ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

شۈ سەيخۇ پۈتۈن ئارمىيە ئاممىۋى خىزمەت سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2011-يىلى07-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ سەيخۇ 21-ئىيۇل پۈتۈن ئارمىيە ئاممىۋى خىزمەت سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ تەرەققىياتىدىن ئىبارەت باش ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، ئاممىۋى خىزمەتنى تېخىمۇ ئىلمىي، پۇختا، ئۈنۈملۈك قىلىش كېرەك. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشقا زور تۆھپە قوشۇشتا؛ قىسىملارنىڭ جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىغا خىزمەت قىلىپ، يەرلىكنىڭ پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىغا ماسلىشىشتا؛ كوماندىر-جەڭچىلەرگە خىزمەت قىلىپ، يەرلىكنىڭ كەسپ ئالماشقان ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەربىيلەر ئائىلە-تەۋەلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يارىلانغان، كېسەل، مېيىپ ھەربىيلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىش، ھەربىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.   تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!