جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ 21-ئىيۇل ئېلان قىلغان «2010-يىللىق مەملىكەت بويىچە تەبىئىي ئاپەتلەرگە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى باھالاش، خۇلاسىلەش دوكلاتى» غا قارىغاندا، 2010-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەركەز مالىيەسى ئاپەت تۈپەيلىدىن ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئۆيلەرنى قايتا سېلىش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆيى ئۆرۈلگەنلەرگە 10 مىڭ يۈەن، ئۆيى بۇزۇلغانلارغا 1000 يۈەن بېرىش بەلگىلەنگەن، قاتتىق سوغۇق رايونلاردىكى ئۆيلەرگە بېرىلىدىغان تولۇقلىما پۇلنى 1.4 ھەسسە ئۆستۈرۈش، يىلدا 3 مىليارد 411 مىليون يۈەن پۇلنى يۈشۇ ۋە جۇچۈدىن باشقا ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئۆرۈلۈپ كەتكەن، بۇزۇلغان ئۆيلەرنى قايتا سېلىشقا ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن.
تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!