ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

ئېلىمىزدىكى 68 ئۆلكە لىنىيەسىدە بىخەتەر چېگرا قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاندى

2011-يىلى07-ئاينىڭ21-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 20-ئىيۇل خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، يېقىندا، گەنسۇ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى بىلەن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى «ئىچكى موڭغۇل-گەنسۇ چېگراسىدا تىنچ، ئىناق چېگرا قۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدىكى كېلىشىم»نى ئىمزالىغان. بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى-پۈتۈن مەملىكەتتىكى 68 قۇرۇقلۇق ئۆلكە چېگراسىدا تىنچ چېگرا قۇرۇش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: تىنچ چېگرا قۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالاش-بىرلەشمە چېگرا ئېنىقلاش كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، چېگرا رايونلارنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تىنچ چېگرا قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتا ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىگىلىنىشىچە، 2007-يىلى مەملىكەت بويىچە تىنچ چېگرا قۇرۇش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، جايلار ئۆلكە، ناھىيە دەرىجىلىك چېگرىلاردا تىنچ چېگرا قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، تۇتاش ئاساسىي قاتلام يېزا-بازارلىرى، كەنتلەردە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ئەھدىنامىسى تۈزۈش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرغان. كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى ۋە تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تىنچ چېگرا قۇرۇش پائالىيىتىدە تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغۇسى.  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!