جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
دېھقانچىلىق دورىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ سۈپىتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ۋە ئادەم، چارۋىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئېلىمىز ھازىرقى دېھقانچىلىق دورىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى قانۇنچىلىق ئىشخانىسى 20-ئىيۇل «دېھقانچىلىق دورىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى»نى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىن ئاشكارا پىكىر ئېلىشقا باشلىدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: 1-دېھقانچىلىق دورىلىرىنى تىزىملاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ 2-دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش؛ 3-دېھقانچىلىق دورىلىرى تىجارىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ 4-دېھقانچىلىق دورىلىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ 5- نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. بۇندىن باشقا، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ھەققىدە قاتتىق قانۇنىي مەسئۇلىيەت بەلگىلەندى. ئامما بۇ يىل 31-ئاۋغۇستقىچە پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا پىكىر بەرسە بولىدۇ.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!