ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

گۇاڭشىنىڭ يېزا-بازار پارتكوملىرىدا ئاز سانلىق مىللەت كادىرى يېرىمنى ئىگىلى

2011-يىلى07-ئاينىڭ21-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى 1126 يېزا-بازارلىق پارتكومنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتى تولۇق ئاياغلاشتى. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا-بازارلىق پارتكوملارنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىدا ئاز سانلىق مىللەت كادىرىدىن 5126 سى بار بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %51.3 نى ئىگىلىگەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، گۇاڭشىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا-بازارلىق پارتكوم رەھبەرلىك كوللېكتىپىدا، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان 552 يېزا-بازار پارتكوم سېكرىتارى، 5176 ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بار بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %51.3 نى ئىگىلىگەن؛ ئىككى تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ گۇاڭشى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %37.18 نى ئىگىلەش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!