جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
باش سېكرېتار خۇ جىنتاۋ 1-ئىيۇلدىكى مۇھىم سۆزىدە، يېڭى تارىخىي شارائىتتا پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە، يۈزەكى ھەل قىلىش بىلەن تۈپتىن ھەل قىلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىش، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى باشتىن ئاخىر ساقلاشنى تەكىتلىدى. يېقىندىن بۇيان، تارماقلار ۋە رايونلاردىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار سۆزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. كۆپچىلىك بەس بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىشتەك ياخشى مۇھىتنى يارىتىمىز.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى چېرىكلىككە پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ لىمىن سۆزنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندىن كېيىن مۇنداق دەپ قارىدى: تەپتىش ئورگانلىرى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم فونكسىيىلىك تارماق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجىنىڭ سۆزىدىكى تەلەپلەر بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى ۋە ۋەزىپىلىرىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ ۋە توغرا ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى باشتىن ئاخىر گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قانۇننى ئىجرا قىلىش، دېلو بىجىرىشتە چىڭ تۇرۇشنى مەركەز قىلىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، خىيانەتچىلىك-پارىخورلۇق قىلىش، خىزمەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، ھوقۇققا دەخلى تەرۇز يەتكۈزۈش، خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشى كېرەك.
خېبىي ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى زاڭ شېڭيې 1-ئىيۇلدىكى سۆزىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش سېكرېتار خۇ جىنتاۋنىڭ مۇھىم سۆزى پارتىيەمىزنىڭ چېرىكلىكنى جازالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى قەتئىي پوزىتسىيىسى ۋە ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى، بىزنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە چېرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. بىز باش سېكرېتار خۇ جىنتاۋنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۈگۈنۈپ ئۇنى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىدا تەتبىق قىلىشىمىز كېرەك.
سۆزدە مۇنۇلار ئوتتۇرغا قويۇلدى: ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ھەقىقىي ئادەم بولۇش، خىزمەتتە خەلقنىڭ چاكىرى بولۇشنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتماسلىقى كېرەك، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار بەس بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: بۇ سۆز ناھايىتى كۈچلۈك رىيال قاراتمىلىققا ئىگە. مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى شۆچىن مۇنداق دېدى: باش سېكرېتار ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار قولىمىزدىكى ھوقۇقنى خەلق بەرگەنلىكىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى، ھوقۇقنى خەلقنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ئىشلىتىشى كېرەك. بۇ ئىنتايىن زۆرۈر. سۆزدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: چېرىكلىكنى جازالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ قەتئىي پوزىتسىيە، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئاداققىچە ئېلىپ بېرىش لازىم. كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار سۆز پارتىيەمىزنىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىگە كونكرېت نىشان كۆرسىتىپ بەردى دەپ قاراشتى.