ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

ئىستانسىمىزنىڭ بەش خىزمەتچىسى ئالتۇن مىكروفون مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2011-يىلى07-ئاينىڭ20-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

2011-يىللىق جۇڭگو دىكتور-رىياسەتچىلىك ئالتۇن مىكروفون مۇكاپاتىنى تارقىتىش كېچىلىكى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ بەش خىزمەتچىسى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

بۇ خىزمەتچىلەر ئىچىدە، جۇڭگو ئاۋازى قانىلىدىن چىڭ يىنشى رادىيو دىكتور-رىياسەتچىسى مۇكاپاتىغا؛ ئىقتىساد ئاۋازى قانىلىدىن ليۇ چاڭ، دامىن بۇلتۇر 12-دېكابىر ئاڭلىتىلغان «دۇنيا مالىيەسى» پىروگراممىسى بىلەن دىكتورلۇق ئەسىرى مۇكاپاتىغا؛ جۇڭگو ئاۋاز قانىلىدىن گو يەن، خۇ فەن رىياسەتچىلىك قىلغان، بىۋاسىتە ئاڭلىتىلغان «5-ئاپرېل سەنشى خۇاجىن كوكس كۆمۈرى شىركىتى ۋاڭجيالىڭ كۆمۈر كېنىغا سۇ كىرىپ كېتىش ۋەقەسىدىن قۇتقۇزۇش» دېگەن پىروگرامما رىياسەتچىلىك ئەسىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇندىن باشقا، جۇڭگو ئاۋاز قانىلىدىن گو جىڭ رادىيو-دىكتور رىياسەتچىسى نامزات مۇكاپاتىغا؛ تەيۋەنگە ئاڭلىتىش مەركىزىدىن لىن ۋەنچېڭ، فۇ مىڭيۆ ئاڭلاتقان «قەدىمىي شېئىردىن ھۇزۇرلىنىش -دۇمۇنىڭ تاغ سەپىرى» دىكتورلۇق ئەسىرى نامزات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. جۇڭگو دىكتور -رىياسەتچىلىك ئالتۇن مىكروفون مۇكاپاتى-جۇڭگو دىكتور-رىياسەتچىلىك ساھەسىدىكى ئالىي دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپات، رادىيو، تېلېۋىزىيە پىروگرامما رىياسەتچىلىرىنىڭ ئالىي شەرىپى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!