جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىتالىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى فراتتىنى بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان، جۇڭگو-ئىتالىيە مۇناسىۋىتى ئوڭۇشلۇق راۋاجلاندى. جۇڭگو ئىتالىيە بىلەن بولغان سىياسىي سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، زور خەلقئارا مەسىلىلەردە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق قەرز كىرزىسى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى تەسىرىنىڭ تېخى تۈگىمىگەنلىكى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىكى ئېنىقسىز ئامىللارنىڭ يەنە كۆپلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا بىر بىرىنىڭ مۇھىم ئىقتىساد سودا ھەمكارلىق شېرىكلىرى، جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىنى مۇقىم ئاشۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. جۇڭگو 12- بەش يىللىق پىلاننى يولغا قويماقتا، بۇ جۇڭگونىڭ ئىتالىيە ۋە ياۋروپا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو ئىتالىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ جۇڭگو-ئىتالىيە، جۇڭگو-ياۋروپا ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
فراتتىنى ياۋروپانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق قەرز كىرزىسىگە بولغان قارىشىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىتالىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي سۆزلىشىشى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا ئېچىۋېتىش پوزىتسىيىسى تۇتۇشنى خالايدۇ، ئىتالىيە ياۋروپا -جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ.