جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش مىنىستىرى، دۆلەت كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋېن جياباۋ 19-ئىيۇل بۇ گۇرۇپپىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، دۆلەت كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا «12-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە خىزمەت لايىھەسى ۋە ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىش نىشانىنى تۈرگە بۆلۈش لايىھەسى، ئاساسلىق بۇلغىمىلارنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش پىلانى قاراپ چىقىلدى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى، ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلى-ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش، ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى تېزلىتىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى. 1-، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سانائەتتە ئېنېرگىيە تېجەشتە، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئارقىلىق، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ قاتناشتا ئېنېرگىيە تېجەشتە، ئاممىۋى قاتناشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ خىل تىرانسپورت ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشنى سەرخىللاشتۇرۇش؛ ئىمارەتلەردە ئېنېرگىيە تېجەشتە، تەييار ئىمارەتلەرنى مۇۋاپىق ئۆزگەرتىپ، يېشىل ئىمارەت، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىمارەتلەرنى كۈچلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەڭ زور دەرىجىدە ئېنېرگىيە، يەر، سۇ، ماتېرىيال تېجەش؛ تۇرمۇشتا ئېنېرگىيە تېجەشتە، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەش مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتىپ ۋە قوللىنىپ، تېجەشلىك، مۇھىت ئاسرايدىغان ئىستىمال ئەندىزىسى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. 2-كەسىپ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ تەڭشەپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، بىخەتەر، مۇقىم، تېجەشلىك، پاكىز زامانىۋى ئېنېرگىيە كەسپىي سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش لازىم. 3-ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش كېرەك. 4-ئىلغار تېخنىكىلارنى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش لازىم. 5-ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. 6-ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايلىق بېجى ۋە مۇھىت بېجى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىمپورت-ئېكسپورت بېجىنى تەڭشەپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىما چىقىرىشى كۆپ مەھسۇلاتلار ئېكسپورتىنى تىزگىنلەش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان خەلقئارا ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇش؛ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا سۆھبەت مۇساپىسىنى ئىجابىي ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇربان يىغىنىنىڭ ئەھدىنامە ۋە كېلىشىمنامىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك، سىجىل يولغا قويۇشنى كۈچەيتىش جەھەتتە يەنىمۇ ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە خىزمەت لايىھەسىنى بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇشى، بالدۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتىگە ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى 1-مەسئۇل بولۇشى لازىم. ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما ئازايتىشتىكى مۇكاپاتلاش، جازالاش مېخانىزمىنى قاتتىق يولغا قويۇپ، جايلارنى ئېنېرگىيە تېجەش نىشان، مەسئۇلىيىتىنى باھالاش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋە رەھبىرى كادىرلارنى ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرۈپ باھالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!