جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
شىزاڭ ئاپتونوم رايونى تۈنۈگۈن كەچتە لاسادىكى بۇدالا سارىيى مەيدانىدا كاتتا سالىيوت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، شىزاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ ۋە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن بىرگە سالىيوت كېچىلىكىنى كۆردى ھەمدە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىشقا قاتنىشىپ، بايرام تەنتەنىسىدىن بەھىرلەندى. مەيداندىكى ئاممىنىڭ خۇشاللىق كۈلكە سادالىرى ئىچىدە شى جىنپىڭ قاتارلىق مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى رەھبىرى يولداشلار رەئىس سەھنىسىدىن چۈشۈپ، مەيداندىكى ئامما ئارىسىغا كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى، ئارقىدىن مىللىيچە كىيىنىۋالغان ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، شىزاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلىنى ئوينىدى. ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، مەيداندىكى بايرام كەيپىياتىنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.