جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 19-ئىيۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى باشلاپ، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ لاسادىكى قىسمىنىڭ پولكتىن يۇقىرى كادىرلىرى ۋە قۇراللىق ساقچى قىسىم شىزاڭ باش ئەترىتى ھەم لاسادىكى قىسمىنىڭ پولكتىن يۇقىرى كادىرلىرى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى، لاسا شەھىرىنىڭ سىياسىي-قانۇن سىستېمىسىدىكى باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىر ساقچىلاردىن ئايرىم-ئايرىم ھال سورىدى.
شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى، رەئىس خۇ جىنتاۋغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىكتىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 60 يىللىق ئەمەلىيەت-شىزاڭدىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قەھرىمان قىسىم، پارتىيە ۋە خەلق پۈتۈنلەي تايانسا بولىدىغان قىسىم ئىكەنلىكى؛ قۇراللىق ساقچى شىزاڭ قىسمى ۋە سىياسىي-قانۇن كادىر ساقچىلىرىنىڭ پارتىيە ئىشىنىدىغان، خەلق تايىنىدىغان مۇستەھكەم قوشۇن ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىزاڭ خىزمىتى-پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇملۇق خىزمىتىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە، شىزاڭنىڭ مۇقىملىقى دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا، شىزاڭنىڭ بىخەتەرلىكى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. شىزاڭدىكى قىسىمنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، قۇراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ۋە سىياسىي-قانۇن كادىر ساقچىلىرى شىزاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىك، سىڭىپ كىرىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى كۆرەش قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئاگاھ بولۇش ئىقتىدارى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى قۇرۇلۇشىنى سىياسىيدا مۇستەھكەم، كەسىپتە پىشقان، ھەرىكىتى قەتئىي جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش؛ ئىتتىپاقلىقنى يۈكسەلدۈرۈش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە دىنىي سىياسىتىگە نەمۇنىلىك بىلەن ئەمەل قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق، ساقچىلار بىلەن ھۆكۈمەت، ساقچىلار بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم.
شى جىنپىڭ شىزاڭ ھەربىي رايونى، قۇراللىق ساقچى قىسىم شىزاڭ باش ئەترىتىگە باش سېكرىتار خۇ جىنتاۋ ئۆز قولى بىلەن يازغان «شىزاڭ تىنچ ئازاد بولغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز» دېگەن لەۋھەنى تەقدىم قىلدى ھەم شىزاڭدىكى قىسىمنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، قۇراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، سىياسىي-قانۇن كادىر ساقچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!