جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
تۈنۈگۈن شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ لاسا شەھىرىدە شىزاڭ تىنچ ئازاد بولغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شىزاڭدىكى ھەر مىللەر كادىرلار، ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تىنچ ئازاد بولغان 60 يىلدىن بويان، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئىشلىرى شانلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ياردىمى بولىدىكەن، شىزاڭنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
قىسقىغىنا 60 يىلدا مىڭ يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى بېسىپ ئۆتۈلدى، شانلىق نەتىجە شىزاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىلھاملاندۇردى. لاسا شەھىرى ليۇ ۋۇ كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى داۋا ساڭبۇ: مەن شىزاڭنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تېز راۋاجلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم، بۇ مۇنازىرىسىز پاكىت، دېدى.
شىزاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى زاڭزۇ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى گاما چىلى مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان «شىزاڭنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرۇپ، قوغداش جەريانىدا ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدا راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىزاڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە داۋاملىق تۈرتكە بولايلى» دېگەن سۆزىنىڭ روھى بويىچە، يېڭى شىزاڭ قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقىرىدىغان نۇرغۇن ياشلارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىمىز.
شىزاڭ 5100 مۇزلۇق مىنېرال سۇ شىركىتىنىڭ باشلىقى جاۋ شاۋخوڭ مۇنداق دېدى: كارخانىمىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى نەچچە يىلدىن بويان داۋاملىق ئېشىپ، داڭشۇڭ ناھىيەسىنىڭ تۇنجى ئەڭ چوڭ باج تاپشۇرغۇچىسى بولۇپ قالدى. بىز تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كارخانىنى تېخىمۇ زورايتىپ، شىزاڭنىڭ مول مىنېرال سۇ بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەسسىمىزنى قوشىمىز.
چاڭدۇ ۋىلايىتى كاجۈنۋەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى جۇجا مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ «مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك» دېگەن سۆزىدىن ئىلھاملاندىم. بىز ئاساسىي قاتلامغا يىلتىز تارتىپ، شىزاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ھەسسىمىزنى قوشىمىز.
لىن جى ۋىلايىتى مىلىن ناھىيەسى پەنجىن بازىرىدىن ۋاڭ سەنتىڭ مۇنداق دېدى: شىزاڭ ھازىر ھالقىما تەرەققىيات ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، تۈرلۈك ئىشلار جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا، بىز خەلق ئۈچۈن كۆپرەك ئىش قىلىپ بېرىشىمىز، دېھقان-چارۋىچىلار كىرىمىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. شۇندىلا شىزاڭ تېخىمۇ گۈللەنگەن، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى جەزمەن كۈتۈۋالالايدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇرۇسۇل ئابدرۇرېھىم