(شۈ مەييۇڭ)
(جياڭ رېنجيې)
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 19-ئىيۇل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئىچىپ تىپىك خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلوسىدىن ئىككىنى ئېلان قىلدى، بۇ خاڭجۇ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى شۈ مەييۇڭنىڭ پارا ئىلىش، خىيانەت قىلىش، خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش دېلوسى ۋە سۇجۇ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ رېنجيېنىڭ پارا ئېلىش دېلوسى.
1995-يىلى 5-ئايدىن 2009-يىلى 4-ئايغىچە، شۈ مەييۇڭ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن قېتىم پارا ئىلىپ، 14 كىشىنىڭ جەمئىي 145 مىليون يۈەن پۇل-ماللىرىنى ئىلىۋالغان. ئۇ يەنە خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت كارخانىسىنىڭ ئۆي-مۈلۈك ئىچىش تۈرىنىڭ پايدىسىدىن 53 مىليون 590 مىڭ يۈەننى يۈتىۋالغان. بۇنىڭدىن باشقا، شۈ مەييۇڭ يەنە شەخسىي غەرەز بىلەن كۆز بويامچىلىق قىلىپ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، كارخانىلارغا يەر ئۆتۈنۈپ بېرىش پۇلىدىن 71 مىليون 700 مىڭ يۈەن قايتۇرۇپ بەرگەن.
جياڭ رېنجېن بۇرۇن سۇجۇ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇش قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، بەش ئورۇننىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى، ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق ئىش تۈرلىرىدە ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ، جەمئىي 108 مىليون يۈەن پارا ئالغان.
يېقىندا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ ئىككى دېلودىكى جاۋابكار شۈ مەييۇڭ، جياڭ رېنجيېنغا قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، 19-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن ئىجرا قىلدى.