ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە باج ئومۇمىي كىرىمى 5 تىرىليون يۈەندىن ئ

2011-يىلى07-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:  مالىيە مىنىستىرلىقى 19-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە باج ئومۇمىي كىرىمى 5 تىرىليون 2 مىليارد 843 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.6 ئاشقان. مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، باج كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەپ: ئىقتىساد تەكشى بىر قەدەر تېز ئاشقان، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمى ئۆسكەن ۋە باھا ئامىلىدا. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ زاۋۇت باھاسى كۆرسەتكۈچى، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى كۆرسەتكۈچى بىردەك ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشقان، باھانىڭ ئۆسۈشى ھازىرقى باھا بويىچە ھىساپلايدىغان باج كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان. باج ئورگانلىرى باج ئېلىش ۋە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك باج كىرىمىنىڭ ۋاقتىدا يېتەرلىك ئىسكىلاتقا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلغان.
 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!