ئىز تورى www.iz.la
ئۇيغۇر قىزلىرى،ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك مەدەنيەت،تەرەققىيات تارىخى جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتى ۋەئىجادچانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ،كىشىلەرگە كۈچلۈك ئىستېتىك زوق بېغىشلايدىغان نۇرنۇن گۈزەللىك ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ،ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسىسە قوشقان،ئەنە شۇ گۈزەل ئادەتلىرىنىڭ بىرى-ئۇيغۇر قىزلىرىدىكى(قىرىق تال)چاچ ئۆرۈش.بۇ ئۆزگىچە چاچ شەكلىدىن ئىبارەت بولۇپ،ئادەتتە ئىككى تالدىن ئارتۇق قىلىپ ئۆرۈلگەن چاچلارنىڭ ھەممىسى (قىرىق تال)چاچ دەپ ئاتىلىدۇ.بۇنداق ئۆرۈلگەن چاچلار قارىماققا،سەل غەلىتىرەك كۆرۈنسىمۇ،ئەمەلىيەتتە ئۇ تولىمۇ كۆركەم ۋە ئىنىتايىن يارىشىلىق بولۇپ،ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۆز گۈزەللىكىنى نامانەي قىلىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان گۈزەللىك ئۆلچەملىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. www.iz.la
ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ(قىرىق تال )چاچ ئۆرۈش ئادىتى،گەرچە ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە تەدىرىجىي ھالدا دىققەت يىراقلاشقان بولسىمۇ،لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇ تاشلىۋېتىشكە بولمايدىغان قىممەتلىك مىللىي ئۆرپ-ئادەت بىر مىللەت ئۈچۈن ئېيتىقاندا،شۇ مىللەتنى باشقا مىللەتلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى.ئۇ شۇ مىللەتنىڭ ئۇزاق تەسىرلىك تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا شەكىللەنگەن ۋە شۇ مىللەتنىڭ دىنىي ئېتقادى ھەم ئىستېتىك چۈشەنچىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ.شۇڭا ئۇنى قەدلەش ۋە ئىجادىي بوسۇندا راۋاجلاندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.ئۇيغۇر قىزلىرىدىكى(قىرىق تال)چاچ ئۆرۈش ئادىتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەقىياتى جەريانىدا شەكىللەنگەن مىللي ئۆرپ-ئادەت بولۇپ،ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەدەر قەدىمىيرەك بولغان ئىپتىدائىي توتېم ئىتقادى ۋە (مۇقەددەس)چۈشەنچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. copyright by www.iz.la
ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىڭ تەركبىنى شەكىللەندۈرگۈچى قەدىمكى ئۇرۇق-قەبىلىلەر،ئىپتىدائىي دەۋردىلا ھەر خىل نەرسىلەرنى توتېم قىلىپ ئۇنىڭغا چوقۇنغان بولسا،كېيىنكى مەزگىللەگە كەلگەندە شامان دىنىغا ئېتقاد قىلىپ،شامان دىننىڭ ئەقىدىسى.بويىچە دەل-دەرەخلەرنى توتېم قىلىغان ۋە ئۆزلىرى چوقۇنغان دەل-دەرەخلەرنى ئىنتايىن گۈزەل،دەپ قارىغان.ھەتتا ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەنە شۇ دەل-دەرەخلەردىن ئاپىرىدە بولغان دەپ قاراشقان.شۇنىڭ بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېڭىدىكى دەل-دەرەخلەرنى ئۇلۇغلاش،ئۇنى گۈزەل دەپ قاراشتەك بىر خىل چۈشەنچە شەكىللەنگەن.بۇ خىل چۈشەنچىسىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆز چۈشەنچىسىدىكى گۈزەللىككە يېتىش ئۈچۈن،چاچلىرىنى دەل-دەرەخلەرنىڭ چىۋىقلىرىغا ئوخشىتىپ ئۆرۈۋالقان،(قىرىق)مەسلىسىگە كەلسەك،بۇمۇ ئۇيغۇلرنىڭ ئىپتىدائىي دەۋرلەردە شەكىللەنگەن مۇقەددەس سان چۈشەنچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،قەدىمكى ئۇيغرلار ئىپتىدائى دەۋردىلا(7)(9)(40)قاتارلىق سانلارنى(مۇقەددەس سان)دەپ قارىغان ۋە بۇ سانلارنى دۇنيانىڭ چەكسىزلىكىگە سىمۋول قىلىغان.بۇنىڭ بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر قىزلىرى دۇنيانىڭ چەكسىزلىكىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن،چاچلىرىنى (قىرىق تال)قىلىپ ئۆرۈۋالغان.ئۇيغۇرلارنىڭ دەل-دەرەخلەرنى ئۇلۇغلاش چەشەنچىسىنى ھەم (قىرىق مۇقەددەس)لىكى چۈشەنچىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن (ئوغۇزنامە)ئېپوسى ۋە ئۇنىڭىدىن كىين بارلىققا كەلگەن (بوكۇخان رىۋايىتى)دىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.ئۇنىڭىدىن باشقا،بۈگۈنگىچە ئۇيغۇرلار ئارسىدا تارقىلىپ يۈرگەن(جىرىم تىكسە ساۋاب بولىدۇ)،(ھايات چېغىنىڭىدا مىڭ تۈپ جىرىم تىكسەڭ،ئۆلگەندە بىر تۈپنىڭ سايىسى تېگىدۇ)دېگەن ئەقىدىلەر قارىماققا ئىسلام دىنىي ئەقىدىسىدەك كۆرۈنسىمۇ،ئەمەلىيەتتە ئۇ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي دەۋردىكى توتېم ۋە شامان ئېتقادىدىن كەلگەن چۈشەنچىسىدۇر.بىز ئۇيغۇر قىزلىرىدىكى(قىرىق تال)چاچ ئۆرۈش ئادىتى توغرىسىدا ئېنىق يازما مەنبەگە ئىگە بولمىساقمۇ،لېكىن يېقىنىقى يىللاردىن بۇيانقى ئارخېئولوگىيە نەتىجىلىرى،ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىدىكى بۇ خىل ئادەتنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى،شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپتە چاچ سېلىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.مەسىلەن؛قومۇل قارا دۆۋە قەدىمكى قەبرىسىتانلىقىتىن بۇنىڭىدىن 3200يىل ئىلىگىرىدىكى دەۋرگە مەنسۇپ نۇرغۇن جەسەتلەر تېپلىغان بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە بەزى ئايال جەسەتلەرنىڭ بەلگە چۈشىدىغان ئۆرۈمە چاچلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم،شۇنداقلا،چەچەننىڭ زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن بۇنىڭىدىن 300يىل ئىلىگىرىكى دەۋرگە مەنسۇپ چېچى تۆت تال قىلىپ ئۆرۈلگەن بىر ئايال كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان،ئۇنىڭىدىن باشقا،لوپ ناھىيسىنىڭ سانپولا قەدىمكى قەبرىستانىلقىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىن مىلادى8-ئەسىرگىچە بولغان دەۋرلەرگە تەئەللۇق قەدىمكى قەبرىلەردىن نۇرغۇن ئۆرمە چاچلار تېپىلغان بولۇپ،ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇلانغان چاچلارمۇ بار.ئۆرۈلگەن چاچلار ئىككى تال،تۆت تال.ئالتە تال،سەككىز تال قىلىپ ئۆرۈلگەن.مەھمۇد قەشقەرى(تۈركىي تىللا دىۋانى)دا (ئۆرمە چاچ)سۆزىنى بىر قانچە يەردە تىلغا ئالغان،لېكىن ئۆرمە چاچنىڭ نەچچە تال قىلىپ ئۆرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتىمىغان.ئەمما،(دىۋان)دا(ئوڭۇڭ)دېگەن سۆز چۈشەندۈرۈلۈپ،(ئوڭۇڭ)چۇپۇر چاچ،خوتۇنلارنىڭ ئۆچكە چۇپۇرىدىن قىلىنىغان ياسىما چېچى،دەپ چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ،يۇقىرىقى پاكىتلار بىزگە ئۇيغۇر قىزلىرىدىكى(قىرىق تا)چاچ ئۆرۈش ئادىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى مىللىي ئۆرپ-ئادىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئىز تورى www.iz.la
دېمەك(قىرىق تال)چاچ ئۆرۈش ئادىترى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي مەدەنىيتى بولۇپ،ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى ۋە يارىشمىلىقى بىلەن ئەنە شۇ ئىپتىدائىي دەۋردىن باشلاپ ياكى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
مەنبە؛جوڭگۇ مىللەتلىرى