
دەرسخانىدا رەڭلىك قەلەم بىلەن تىرنىقىڭىزنى بوياپ ئولتۇرغانمۇ؟

دوستىڭىزنىڭ ئوڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويۇپ ، ئاندىن تىزلا سول تەرىپىگە ئۆتىۋالغانمۇ؟

مەكتەپتە پەلەمپەينىڭ تۇتقۇچىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ باققانمۇ؟

كىچىك ئەينەك بىلەن قۇياش نۇرىنى باشقىلارنىڭ يۈزىگە چۈشۈرۈپ ئوينىغانمۇ؟

ئۆيىڭىزدە ئادەم يوق ۋاختىدا چوڭ ئەينەككە قاراپ ناخشا ئېيتىشنى ،ئۇسۇل ئويناشنى دوراپ باققانمۇ؟

يامغۇر ياققاندا كۈنلۈك ئېلىۋېلىپ ،تۇتقۇچىدىن چۆگلىتىپ ئوينىغانمۇ؟

ئۆيدە بۇغداي، گۈرۈچ، ئۇن قاتارلىقلارنىڭ ئىچىگە قولىڭىزنى تىقىپ چامباشىچىلىقنى دوراپ باققانمۇ؟

كەمپۈت يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قەغىزىنى باشقا نەرسىگە ئوراپ باشقىلارغا بېرىپ ئۇلارنى ئاچچىقلىتىپ باققانمۇ؟

قەغەزگە قىزىقارلىق خەت ياكى سۈرەت سىزىپ ئۇنى باشقىلارنىڭ دۈمبىسىگە بۈلدۈرمەي چاپلاپ قويغانمۇ؟

ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرىنى يېڭى سېتىۋالغاندا ئورايدىغان قەغەز ئۈستىدىكى كىچىك شارچىلارنى بىر-بىرلەپ ئېتىلدۇتۇپ باققانمۇ؟

يوللاردا ئىت ياكى مۈشۈكنى كۆرگەندە ئۇنىڭ ئاۋازىنى دوراپ باققانمۇ؟

لېفتتتىن چۈشۈشنىڭ ئالدىدا ھەممە قەۋەتنىڭ نومىرىنى بېسىپ قويغانمۇ؟

تاللا بازىرىدا كىچىك مال ھارۋىسىنىڭ كەينىگە چىقىۋېلىپ ئىتتىرىپ ماڭغانمۇ؟

تەڭگە پۇلنىڭ ئۈستىگە قەغەز قويۇپ ئاندىن ئۈستىدىن قەلەمدە بوياپ پۇلنىڭ شەكلىنى چىقىرىپ باققانمۇ؟

يوللاردا ياتقۇزۇلغان بۈرجەكلىك خىشلارنىڭ ئۈستىگە دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەي بىر-بىرلەپ مېڭىپ باققانمۇ؟

باشقىلارنىڭ كۆلەڭگىسىگە دەسسەپ مېڭىپ باققانمۇ؟