
بۇغداي ئورۇش ماشىنىسى چاتما ئۈسكۈنىسىنىڭ پاتنىت ھوقوقى ئۆتۈنۈپ بىرىلىدۇ
ھازىر بازاردا سىتىلىۋاتقان بۇغداي ئورۇش ماشىنىسى ئادەتتە 12 ئات كۈچى ياكى 15 ئات كۈچىلىك تىراكتۇرلارغا چىتىپ ئىشلىتىلىدۇ. ئات كۈچى تۆۋەن بولغانلىقتىن مەشغۇلات قىلىش جەريانىدا خلمۇ-خىل مەسىللەرنىڭ كۆرۈلىشىدىن خالى بولغىلى بولمايدۇ.شۇڭا، بۇغداي ئورۇش ماشىنىغا قارىتا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، 17، 18، 20، 25 ئات كۈچىلىك تىراكتۇرلارغا چىتىپ ئىشلىتىشتە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن بۇ چاتما ئۈسكۈنە ياساپ چىقىلدى.
بۇخىل ئەمىلى ئىشلىتىشكە ئىگە قۇرۇلمىنى ياساپ چىقىشتىكى مەقسەت بولسا، بۇغداي ئورۇش ماشىنىسىنى ھەر خىل چوڭ تىپتىكى تىراكتۇرلارغا چىتىپ ئىشلىتىشتە قولايلىق يارىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تېخمۇ تۆۋەنلىتىش، بۇغداي ئورۇش ماشىنىسىنى ئىشلىتىشكە ئاسانلىق تۇغدۇرۇشتىن ئىبارەت.
بۇ خىل بۇغداي ئورۇش ماشىنىسى چاتما ئۈسكۈنىسى سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى ۋە سۈرئەت ئۆزگەرتىش دەستىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقىنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى تىراكتۇرنىڭ كەينى قىسمىدىكى ھەركەت ئۇزىتىش ئوقىنىڭ ئايلاندۇرۇپ ھەركەتلەندۈرىشىدىن كىلىدۇ، سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقىنىڭ كۈچ چىقىرىش قىسمى بوغداي ئۈرۇش ماشىنىسىغا چىتىلىپ، بۇغداي ئورۇش ماشىنىسىنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچى قىلىنىدۇ.
بۇ خىل ئەمىلى يېڭى تىپ تىراكتۇرنىڭ كەينى قىسمىدىكى ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچنى سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى ئارقىلىق، ھەر خىل ئايلىنىش سۈرئىتىدە بۇغداي ئورۇش ماشىنىسىغا يەتكۈزۈپ بىرىدۇ، تىراكتۇر قانچە ئات كۈچى بولىشىدىن قەتئى نەزەر تىراكتۇرغا چىتىپ ئىشلىتىش قولايلىق، مەشخۇلات قىلىش ئاسان، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرقى تۆۋەن ، يالغۇز بۇغداي ئورۇشتىن باشقا يەنە شال، ياۋا ئوت-چۆپ، كىپەز شادىسى قاتارلىقلارنى ئورۇشقىمۇ بولىدۇ.
ھازىر بۇ ئۈسكۈنىنىڭ پاتنىت ھوقوقى ئۆتۈنۈپ بىرىلمەكچى، قىزىققۇچىلانىڭ تىزدىن ئالاقىلىشىشىنى سورايمىز.
كەشىپ قىلغۇچى: ئابدۇسادىق راخمان
ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 15909047203 13565662103