قارلۇق مېدىيا تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە بىخەتەرلىك خادىمى بىل

  

      شىنجاڭ قارلۇق مېدىيا تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى شىنجاڭدىكى بىردىن-بىر مۇنتىزىملاشقان ۋە كۆلەملەشكەن كارتۇنچىلىق شىركىتى،  شىنجاڭدىكى مىللى ئىگىلىكىتىكى ئەڭ چوڭ كومپىيوتىر يۇمشاق دېتال شىركىتى بولۇپ ئۇچۇر، مەدەنيەت تارقىتىش، تور مۇلازىمەت، تەربىيەلەش، داڭلىق كومپىيوتىر مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قاتارلىق ساھەلەردە كۆلەملەشكەن كارخانا. مەزكۇر شىركەتكە ھازىر بىر نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى بىلەن بىر نەپەر تېخنىكا مۇلازىمەت خادىمى قوبۇل قىلىنىدۇ. كونكىرت تەلەپ تۆۋەندىكىچە؛

                                                                                                بىخەتەرلىك خادىمى

ئاساسلىقى شىركەتنىڭ تىجارەت ئامانلىقى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ،  قوشۇمچە شىركەتنىڭ خىزمەت تەرتىۋىنى ساقلاشقا ياردەملىشىدۇ.

جىنسى؛  ئەرلەر بولۇش كېرەك.

ياش چەكلىمىسى؛       18 ياشتىن يۇقىرى بولىشى كېرەك.

مەدەنيەت سەۋىيەسى؛        تۇلۇق ئوتتۇرا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇش كېرەك.

ياتاق تاماق؛       ئۆزى ھەل قىلىدۇ.

تەقى-تۇرقى؛       نورمال بولىشى كېرەك.

خىزمەت مۇددىتى؛ كەم دىگەندە 6 ئاي ئىشلىيەلەيدىغان بولىشى كېرەك. ئۇزۇن مۇددەتلىك توختام تۈزۈپ ئىشلەيدىغانلار ئالدىن ئويلۇشىلىدۇ.

ئىش ھەققى؛      يۈز تۇرانە سۆزلىشىلىدۇ.

باشقا ئەھۋالى؛       ئۈرۈمچىدە بىرقەدەر مۇقىم ئولتۇراقلاشقان بولۇشى، مۇقىم تۇرۇش ئادىرىسى ياكى مۇقىم ئالاقىلىشىش ئادىرىسى بولىشى كېرەك. (شىركەت خاتىرجەم بولالايدىغان، ئىشنچىلىك بولىشى كېرەك).

قۇشۇمچە؛ يۇقارقىدىن سىرت يەنە بىر نەپەر ھەر-كۈنى كېچىسى مۇقىم دىجۇرنى تۇرۇپ كۈندۈزى ئارام ئالىدىغان كېچىلىك دىجۇرنى خادىم كېرەك. ياشانغان، ساغلام،  پېنسىيەگە چىققان كىشى بولسا ئالدىن ئېتبار قىلىنىدۇ.

 

                                                                                   تېخنىكا مۇلازىمەت خادىمى

ئاساسلىقى شىركەتنىڭ تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزىدە تۇرۇپ بىۋاستە ياكى تېلفوندا مەسلىھەت سورىغۇچىلارغا شىركەتنىڭ مۇلازىمەتلىرى، تېخنىكىلىك ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشكە ۋە كۈتۋېلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. قۇشۇمچە  ماتىريال ئىشلىرى، ئالاقە ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ.

جىنسى؛     قىزلار بۇلىشى كېرەك.

ياش چەكلىمىسى؛       18 ياشتىن يۇقىرى 30 ياشتىن تۆۋەن بولىشى كېرەك.

مەدەنيەت سەۋىيەسى؛        تۇلۇق ئوتتۇرا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇش كېرەك.  كومپىيوتىردا ئاساسى مەشغۇلاتلارنى قىلالايدىغان بولىشى كېرەك. ( ۋىندوۋىس، ۋورد، ئېكسېل).

ياتاق تاماق؛       ئۆزى ھەل قىلىدۇ.

تەقى-تۇرقى ۋە باشقا ئەھۋاللار؛     تەققى-تۇرقى  نورمال بولىشى، بەك كۈرۈمسىز بولماسلىقى،  ھەركەتلىرى ۋە سۆز ئاھاڭى  ئۆلچەملىك  بولىشى،  ئۇيغۇر تىلى ئورتاق تەلەپپۇزىدا سۆزلىيەلەيدىغان بولىشى، خەنزۇ تىلدا سۆزلەش ۋە يېزىشتا ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان بولىشى كېرەك. باشقا تىللاردىن خەۋىرى بارلار بولسا تېخىمۇ ياخشى.

خىزمەت مۇددىتى؛  بىر قەدەر ئۇزۇن مۇددەتلىك توختام تۈزۈپ ئىشلەيدىغان بۇلىشى كېرەك.

ئىش ھەققى؛      يۈز تۇرانە سۆزلىشىلىدۇ.

باشقا ئەھۋالى؛       ئۈرۈمچىدە بىرقەدەر مۇقىم ئولتۇراقلاشقان بولۇشى، مۇقىم تۇرۇش ئادىرىسى ياكى مۇقىم ئالاقىلىشىش ئادىرىسى بولىشى كېرەك.

 

                                                                                              باشقىلار ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى

ئەسكەرتىش؛ يۇقارقى خادىملار بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن ئەگەر شىركەتكە ياراپ قالسا بەلگىلىك ۋاقىتتىن باشلاپ ئەمگەك سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ.

  ئەڭ ياخشىسى شىركەتكە كېلىپ يۈز تۇرانە كۆرۈشۈڭ. (ئىمكانىيەت بولمىغاندا تېلفون قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ).

 

 

  • تەۋە رايون: ئۈرۈمچى
  • ئالاقىلاشقۇچى: ئۆمەرجان راخمان
  • يوللانغان ۋاقتى: 10-06-30 20:00
  • ئاخىرلىشىش ۋاقتى: 2010-07-15 20:07
  • ئالاقە تىلفۇن: 0991-2877006 , 0991-2877016
  • ئىلخەت: 452520590@qq.com
  • تۇرۇشلۇق ئادىرسى: ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يۇلى شىنخۇا كىتاپخانىسى بىناسى 4-قەۋەت
  • يوللىغۇچى ip:124.117.226.170
يوللىغۇچى ماتىرىيالى
admin تەپسىلىي ئۇچۇرلىرى سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: ئالىي ئەزا تىزىملاتقان ۋاقتى: 2009-08-13 20:08 ئاخىردا كىرگەن:2010-08-05 12:08