
قەشقەر چاھارباغ سەيلىگاھى 100 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ!
(ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىك سەيلىگاھ)
مائاش تەمىناتى: 800-يۈەندىن 1400 يۈەنگىچە بولىدۇ. قابلىتىڭىز يۇقىرى بولسا تىخىمۇ يۇقىرى مائاش ئالىسىز. مۇكاپاتمۇ بار. ياتاق، تاماق ئورۇنلاشتۇرلىدۇ.
سىز بۇ يەردە تارتىنىپ قورۇنۇپ قالمايسىز. چۈنكى بىزمۇ سىزدەك ئاددى بىر ئادەم. سىزنىمۇ خۇددى ئۆزىمىزنى كۆرگەندەكلا كۆرىمىز.
سىز بۇ يەردە خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىيەلمەي قالارمەنمىكىن دەپ ئەنسىرىمەيمىز. چۈنكى بىز سىزگە ئۈگىتىمىز ھەم يىتەكچىلىك قىلىمىز.
سىز بۇ يەردە تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالارمەنمىكىن دەپ ئەنسىرىمەيسىز، چۈنكى بىز سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا، سالامەتلىكىڭىزگە، كىشلىلىك قەدىر قىممىتىڭىزگە كۆڭۈل بۆلىمىز ۋە ھۆرمەتلەيمىز. بۇ يەردە ھەر كىمگە قابىلىتىگە يارىشا خىزمەت بار.
سىز بۇ يەردە خىرىدارلاردىن ناچار، ئەدەپسىز سۆزلەرنى ئاڭلاپ كىشىلىك غورۇرىڭىزنىڭ ئازاپلىنىشىدىن ئەندىشە قىلمايسىز، چۈنكى قەشقەر چاھارباغ سەلىگاھى يۇقىرى ئىستىمالدىكى ئۈچ يۇلتۇز دەرىجىلىك سەيلىگاھ، خىرىدارلىمىز نىسبەتەن يۇقىرى قاتلامدىكى شەخىس ۋە ئورگانلاردۇر.
سىز بۇ يەردە ھاراق، تاماكا پۇراقلىرىدىن دىماغلىرىڭىزنى بۇلغىمايسىز، چۈنكى سەيلىگاھىمىزدا ھاراق، تاماكا سىېتىلمايدۇ.
خىزمەت ئورنى دىرىكتور، باشقۇرغۇچى، يىتەكچى، پىلانلىغۇچى، مۇلازىم، تاماق توشۇغۇچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر، قوش تىل بىلىدىغانلار، باشقۇرغۇچىلىق قابىلىتى ۋە تەجىربىسى بارلارنىڭ مائاش تەمىناتى ئالاھىدە ئويلىشىلىدۇ.
سان چەكلىك، تىزىملىتىشقا ئالدىراڭ. ئۇرۇق تۇغقان، دوست بۇرادەر، تونۇش-بىلىشلىرىڭىزگە تەۋىسسيە قىلىڭ. تىزىملىتىش ۋاقتى 3-ئاينىڭ 1-كۈندىن 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە. تىزىملاتقان كۈندىن باشلاپ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرلىدۇ(ئېچىلىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلەرنى قىلىمىز)
تىزىملىتىشقا كىلىشتىن ئاۋال تىلفۇن ئارقىلىق خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇپ ئاندىن كىلىڭ.
تىزىملىتىشقا كەلگەنلەر كىملىك، بىر سۇڭلۇق رەسىمدىن ئىككى پارچە ئالغاچ كىلىشى كىرەك. قانۇنلۇق توختام تۈزىلىدۇ.
كونكىرىت سان:
50 نەپەر ئوغۇل
50 نەپەر قىز
تىزىملىتىش ئورنى:
بىرىنجى تىزىملىتىش ئورنى: قەشقەر شەھەر 1-ئوتتورا مەكتەپ ئۇدۇلىدىكى ئەركان مىزىلىك تائاملار تىز تاماقخانىسى
بىرىنجى تىزىملىتىش ئورنىدىكى ئالاقىلاشقۇچى: رىزۋانگۈل- تىلفۇن: 13899141735، ئايتۇرسۇن-2588190
2-تىزىملىتىش ئورنى: قەشقەر شەھەر توققۇزاق يولى چاھارباغ سەيلىگاھى ، 10-يول، 13-يول، 20-يول، 29-يول، 9-يول قاتارلىق ئاپتۇبۇسلارغا چىقىپ چاھارباغ سەيلىگاھىدا چۈشۈپ قالسىڭىز بولىدۇ.
ئالاقىلاشقۇچى: تۇرسۇنگۈل، رىسالەت، تىلفۇن: 0998-2581516 نەبىجان -- 13579332110