تېما: ئۇقۇشماسلىق
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 50
جۇغلانمىسى: 241
شۆھرەت: 41 كىشىلىك
تىللا: 51 دانە
توردا: 51(سائەت)
تىزىملاش: 2010-10-05
ئاخىرقى: 2010-11-11
تىما قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-08 12:20

0 ئۇقۇشماسلىق

جاۋ شىفېڭ 4@ 
(ھېكايە) BB V>Q L  
    قىشلىق تەتىل باشلانغانىدى. ئەمما لى مۇئەللىم ساپا مائارىپى توغرىسىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى پۈتكۈزۈۋېلىش كويىدا ئۆيىگە قايتمىدى. شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 لاردا ئۇ شىمالىي ساقچىخانىغا چاقىرتىلدى. لى مۇئەللىم تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويۇپ سەل ئويلىنىپ قالدى: ‹‹ ئۆيگە ئوغرى كىرگەنمىدۇ(لى مۇئەللىم بىلەن ئايالى باشقا – باشقا جايدا خىزمەت قىلاتتى)؟ ئوغلۇم تەتىلگە قويۇۋېتىشى بىلەنلا ئانىسىنىڭ قېشىغا كەتكەن، ئۆيدە پۇلغا يارىغۇدەك نەرسە يوقتىغۇ؟... ›› bT T>  
    لى مۇئەللىم دەرھال ساقچىخانىغا باردى. ئەھۋال ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقتى. ئۇنى بىر سېمىز ساقچى قوبۇل قىلدى. ساقچىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ تۈنۈگۈن ئاخشام  ساقچىخانىدا نۆۋەتچى ئىكەن، يېرىم كېچىدە كوچىغا تاماكا سېتىۋالغىلى چىقىپ، لى مۇئەللىمنىڭ بىناسىنىڭ ئالدىدا ساياھەت سومكىسى كۆتۈرۈۋالغان بىر ئۆسمۈرنى كۆرۈپتۇ، كونا كىيىم – كېچەك كىيىۋالغان بۇ بالىنىڭ ‹‹لىنىڭ›› ماركىلىق داڭلىق ساياھەت سومكىسىنى كۆتۈرۈۋېلىشى ئۇنىڭ گۇمانىنى قوزغاپتۇ. ساقچى ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ گەپ سوراپتىكەن، بالا جىددىيلىشىپ گەپ قىلالماپتۇ. تېخىمۇ گۇمانلانغان ساقچى ئۇنى ساقچىخانىغا ئەكىلىپ سوراق قىپتۇ، ئەمما بالا ‹‹سومكا مېنىڭ›› دەپ  تۇرۇۋاپتۇ. ساقچى سومكىنى ئاختۇرۇپ، سومكىنىڭ ئىچ يانچۇقىغا يېزىلغان ‹‹شياڭياڭ ئوتتۇرا مەكتىپى تولۇقسىز 2 – يىللىق 3 – سىنىپتىكى لى شياۋبېن›› دېگەن خەتنى كۆرۈپ، شۇنىڭغا ئاساسەن لى مۇئەللىمنى ئىزدەپ تاپقان ئىكەن. Z0y~%[1X  
    سېمىز ساقچى لى مۇئەللىمگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، سومكىنى كۆرسەتتى. سومكا ھەقىقەتەن ئوغلى لى شياۋبېننىڭ ئىدى، بۇ يىل باھاردا ئوغلى ساياھەتكە بارغاندا لى مۇئەللىم بۇ سومكىنى ئېلىپ بەرگەن ھەم سومكىنىڭ ئىچ يانچۇقىغا  ئۆز قولى بىلەن خەت يازغانىدى. لى مۇئەللىم سېمىز ساقچىغا رەھمەت ئېيتىشقا تەمشىلىۋېدى، ساقچى ئۇنىڭغا بىر تۇتام پۇلنى تەڭلەپ: 8No'8(dPX  
— لى مۇئەللىم، سومكىدا 1500 يۈەن بار ئىكەن، بۇنى ئېلىڭ، بىز بىلەن  ئۆيىڭىزگە بېرىپ يەنە نېمىلەرنىڭ يىتكەنلىكىنى بىلىپ بېقىڭ،– دېدى. Lw(tO0b2H  
   لى مۇئەللىم دەرھال ئۆيىگە قايتتى، ئەمما ئۆي رەتلىك، دېرىزىلەر ھىم ئىدى. ئۇ ئۆيىنى تەپسىلىي كۆزەتكەن بولسىمۇ، بىرەر نەرسىنىڭ يىتكەنلىكىنى بىلەلمىدى، ئۆزى قويۇپ قويغان 1500 يۈەن پۇلمۇ جايىدا ئىدى. ئۇنداقتا ھېلىقى 1500 يۈەن نېمە پۇل؟ KQ81Oxu*C  
   لى مۇئەللىم كرىسلودا ئولتۇرۇپ خېلى ئويلانغاندىن كېيىن خوتۇنىغا تېلېفون بېرىپ ئەھۋالنى ئاددىيلا چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، شياۋبېنغا چاندۇرماي، ئۇنى دەرھال ئېلىپ كېلىشنى ئېيتتى. چۈشتىن كېيىن خوتۇنى بىلەن ئوغلى كەلدى. ru`U/6 n  
  —شياۋبېن، خاتالىقنى تەن ئېلىش، ۋاقتىدا تۈزىتىش ياخشى بالىنىڭ ئىشى، گېپىمنى چۈشەندىڭمۇ؟ –دېدى لى مۇئەللىم. E?KPez  
   — نېمە بولدى دادا؟ ئۆيگە كىرە – كىرمەيلا دەرس ئۆتكىلى تۇردۇڭغۇ؟ –دېدى شياۋبېن شوخلۇق بىلەن. ]$^HGmP  
   لى مۇئەللىم ئۈندىمەستىن ياتاق ئۆيگە كىرىپ ‹‹لىنىڭ›› ماركىلىق ساياھەت سومكىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۈستەلگە قويۇپ سورىدى: NW3qs`$-(  
  —بۇ قانداق ئىش؟ IqsUtWSp  
   شياۋبېن سومكىنى كۆرۈپ ھەيران بولدى: t# y,9>6  
— بۇ سومكا قانداقلارچە سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈپ قالدى؟ مەن يازدا ئۇنى ئاپەت رايونىغا ئىئانە قىلىۋەتكەنغۇ؟ قانداق قىلىپ... N$C+le  
   لى مۇئەللىم قانداقتۇر بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدى، – دە، سەل سۈكۈتتىن كېيىن سومكىنى ئېلىپ  چىقىپ كەتتى... Q{'4,J-w  
   كەچقۇرۇن لى مۇئەللىم سېمىز ساقچى تۇتۇۋالغان بالىنى ساقچىخانىدىن قايتۇرۇپ چىقىپ، بالىنىڭ ئىسمىنىڭ جۇ زى ئىكەنلىكىنى ئۇقتى. جۇ زى لى مۇئەللىمگە ئۈنسىز ئەگەشتى. لى مۇئەللىممۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلمىدى. PN 
   ئۇلار لى مۇئەللىمنىڭ قورۇسى ئالدىغا كەلگەندە توختاشتى. لى مۇئەللىم يانچۇقىدىن 300 يۈەن  چىقىرىپ سومكا بىلەن قوشۇپ جۇ زىغا ئۇزاتتى: ]SPuNBsy)  
  — بالام، مەن سىزنى خاتا چۈشىنىپ قاپتىمەن، بۇنى ئېلىڭ!  iD])E/  
   جۇ زىنىڭ كۆزىدىن  ياش سىرغىپ چۈشتى. ئۇ يېقىندىلا پۈتكەن بىر بىنانى كۆرسىتىپ: Ty~z%=H  
— مەن بۇ قۇرۇلۇشتا  ئىشلەپ ئوقۇش پۇلۇمنى تاپقانىدىم. بۇ يەردىن كېتىشتىن بۇرۇن ئۆزۈم ئىشلىگەن بۇ بىنانى يەنە بىر قېتىم كۆرۈۋالاي دەپ كەلگەن، بۇ نەرسىلەر قانداقلارچە...  دېيەلىدى. 5/h-H r  
   جۇ زى سومكىدىكى 1500 يۈەننى ئېلىپ قېلىپ، لى مۇئەللىم بەرگەن 300 يۈەننى سومكا بىلەن قوشۇپ لى مۇئەللىمگە تەڭلىدى: yJ0 %6],^g  
— تاغا، سىز بەك ياخشىكەنسىز، ئەمما مەن بۇلارنى ئالسام بولمايدۇ، مەن باشقىلارنىڭ مېنى يەنە ئوغرى دەپ گۇمانلىنىشىدىن قورقىمەن. I^u~r.  
ئۇ شۇنداق دېدى، – دە، كەينىگە بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى. l Ib d9F  
   جۇ زىنىڭ بارغانسېرى يىراقلاۋاتقان سىماسىغا قاراپ لى مۇئەللىمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى، ئۇ ئەمدى ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىپ بولالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدى. In1n.oRFn^  
ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى 2cIKph  
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى
بۇ تىمىنى تەستىقلىغۇچى: iziz
.→TiLig SuYMiSun..DiLig SuYSun...←...
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 1
يازما: 83
جۇغلانمىسى: 276
شۆھرەت: 22 كىشىلىك
تىللا: 86 دانە
توردا: 9(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-03
ئاخىرقى: 2010-11-09
كىرىسلو  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-08 12:59

بەك ياخشى يىزىلىپتۇ....
bahadir
دەرىجە: دانىشمەن

جەۋھەر: 0
يازما: 778
جۇغلانمىسى: 2271
شۆھرەت: 85 كىشىلىك
تىللا: 812 دانە
توردا: 700(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-27
ئاخىرقى: 2010-11-09
ئوروندۇق  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-08 13:36

ئۇقۇپ قۇيۇشقا تىگىشلىككەن رەخمەت !
anka
دەرىجە: يىڭى ئەزا
جەۋھەر: 0
يازما: 4
جۇغلانمىسى: 115
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 4 دانە
توردا: 7(سائەت)
تىزىملاش: 2010-11-08
ئاخىرقى: 2010-11-11
پول  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-08 15:51

بذ تىما بەك ياخشىكەن ، رەخمەت سىزگە . {L.uLr_?e  
كىشىلەر مىەررى مذەاببەتكە ، ظأز ظارا چذشىنىش ەەم كأيذنذشكە مذەتاج
دەرىجە: يىڭى ئەزا
جەۋھەر: 0
يازما: 40
جۇغلانمىسى: 434
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 40 دانە
توردا: 10(سائەت)
تىزىملاش: 2010-09-07
ئاخىرقى: 2010-11-08
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-11-08 17:46

رەھمەت...تەربىيۋى ئەھمىيتى بار تىمكەن