ئۇزاق ئولتۇرىدىغانلار بۆرىكىنى ئاسرىشى كېرەك m9&MTRD\
ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ مۈرىسى تېلىپ ، بېقىنى ئاغرىش ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى . ئەمەلىيەتتە ، بۇ ئاغرىق بەل بويۇن ئومۇرتقىسىنڭ ئىشى بولماستىن ، بۆرەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن . ",pN.
ئادەم ئۇزاق ئولتۇرغاندا قان تومۇرلىرى ۋە بەدەندىكى نېرۋىلار توسۇلۇپ قېلىپ ، ماددا ئالمىششش ئاستىلاپ ، بەل ئىشىش ، تېلىپ ئاغرىش ۋە ئۇيۇشۇش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ . ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىندىغان كىشىلەر مېڭىسىنى جىددىي ئىشلەتكەندىن كېيىن ، بۇنداق ئەھۋالنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋېتىدۇ ، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىپ ، چىدىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئاغرىيدۇ . بەدەننىڭ قەيېرى ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ ، پەقەت بەدەننىڭ ھەممىلا يېرى تېلىپ ئاغرىغاندەك بىلىنىدۇ . قول بىلەن ئۇۋۇلىسا ياكى ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسىلا ئاغرىق پەسىيدۇ . بۇنداق ئالامەتلەر پەيدا بولغاندا ئولتۇرۇش شەكىلىنى تەڭشىگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ . بۇ بۆرەك ئاجىزلىشىشنىڭ ئالامىتى بولۇپ ، جۇڭگۇ تېبابىتىدىكى بەدەن ئەزالىرى زەئىپلىششنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىدىن ئىبارەت . ئۇنىڭدىن باشقا ، بۆرەك ئاجىزلىقىنىڭ يەنە بېر ئىنىق ئالاھىدىلىكى : چاچ بەك چۈشىدۇ ياكى ئاق چاچ كۆپىيدۇ . bR0 z$~
شۇڭا ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر ئالدى بىلەن ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، بەك ئۇزاق ئولتۇرماسلىقى كېرەك ، ياخشى ئولتۇرۇش ھالىتىنى ساقلاش ناھايتى مۇھىم ، مايماق ئولتۇرسا بولمايدۇ . ئەگەر مايماق ئولتۇرسا ، بەلگە چۈشىدىغان بېسىم ئوڭايلا كۈچىيىپ كېتىدۇ . 40مىنۇتتىن بىر سائەتكىچە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ بەلنى سوزۇپ ، پۇت - قولنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ياكى ئىككى قولنى ئارقىغا گىرەلەشتۈرۈپ ، بەل موسكۇللىرىنى يىنك ئۇرۇپ بەرسە نېرۋا يوللىرى ئېچىلىپ ، بىئاراملىق يۇيغۇسى پەسىيدۇ . ئالىقات بىلەن شىزاندار بۆرەككە بەك پايدىلىق . ئالىقاتنى چايغا چىلاپ ئىچسىمۇ بولىدۇ . شىزاندارنىڭ تەبىئتى مۆتىدىل ، تەمى چۈچۈك بولۇپ ، ئۈچ گىرمدىن بەش گىرامغىچە شىزاندارنى سۇس ئوتتا قۇرۇپ سەل كۆيدۈرگەندىن كىيىن ، كۆك چاي ۋە ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ ، قايناقسۇغا بەش مىنۇت دەملەپ ئىچسە ، روھنى ئۇرغۇتۇپ ، بۆرەك ۋە جىگەرنى قۇۋەتلەيدۇ . ياڭاق نىلۇپەر ئۇرۇقى ،ئۆررۈك مېغىزى قاتارلىق شاكاللىق مېۋىلەرنى دائىم يەپ بەرسە ، مېڭە ۋە بۆرەكنى قۇۋەتلەيدۇ . Uc?4!{$X
~<)CI0=
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى GOzV#