تېما: چوشقىجاننىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرغا ئوچۇق خېتى - [ئەدەبىي تىملار]
ھەر ۋاقىت سەۋەنلىكىڭنى ئۇنۇتما .جۈرئەت ۋە شىجائە ..
دەرىجە: چەۋەنداز

جەۋھەر: 0
يازما: 598
جۇغلانمىسى: 1510
شۆھرەت: 82 كىشىلىك
تىللا: 589 دانە
توردا: 93(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2010-10-20
تىما قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-16 20:35

چوشقىجاننىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇرغا ئوچۇق خېتى - [ئەدەبىي تىملار]




سالام ئۇيغۇرلار!
سىلەر ناھايىتى يىرگىنىدىغان پىقىر چوشقىدىن سىلەرگە سالام.
سىلەر بەلكىم مىنىڭ ئىسمىمنى كۆرۆپلا يىرگىنىپ كەتكەن بولىشىڭلار مۇمكىن بىراق مىنىڭ كۆڭلۇمگە كەلمەيدۇ،ماڭا ئىنىق مەن ھەقىقەتەن مەينەت جانىۋار.ئۆزۆمنىڭ مەينەتلىكىمگە قايىلمەن،مەن ئۆزەمدىكى ئىللەتلەرنى تۇزىتەلمىسەممۇ بىراق بۇنى ئىتىراپ قىلىشقا كەلگەندە ئۆزۆمنى سىلەردىن مىڭ ھەسسە سەمىمى دەپ ئويلايمەن!
بۇ مەينەت نىمە دىمەكچىدۇ دەپ ئۇيلاپ قالغانسىلەر ھەقاچان؟
ئەمدى مەقسەدكە كەلسەم ،مەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىلەرگە كۆپلىگەن سۆزلىرىمنى ئويلىشىپ يۇرەتتىم،بىراق سىلەرمىنى كۆرۆپلا قالساڭلار غەزەپ بىلەن تۇكۇرۇپ نەچچە يۇزمىتىرقاچىدىغان بولغاچقا كۆڭلۇمدىكى بۇ سۆزلىرىمنى مۇشۇ كەمگىچە ھىچ ئىيتالماي كەلگەن ئىدىم....
مانا بۇگۇن مۇنبەرلىرىڭلارنىڭ بارلىقىنى جاھاننىڭ يېڭىلىقلىرىدىن بىرى بولغان ئىنتىرنىت دۇنياسىدا سىلەرنىڭمۇ ئۆزەڭلارغا چۇشلۇق ماكانىڭلارنىڭ بارلىقىنى بىلىپ سەل ھەيران بولدۇميۇ بىراق ئۇزاقتىن بۇيان دىيەلمىگەن سۆزلىرىمنى دەۋىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشكىنىمدىن ناھايىتى خۇشال بولوپ ،ئۆزەمنى تۇتالماي خورتۇلداپ كەتتىم....
ھەراس ئۆزەمنىڭ گىپىنى دىگۇچە بولغان ئارىلىقتا مۇنۇ سۆزنىمۇئىيتىۋالاي :
مەن بۇ مۇنبەرنى كۆرۆپ ھەيرانلىقىمدىن بىرقانچىلىغان تىمىلارنى كۆرۆپ باقتىم ،بايقىدىمكى سىلەرنىڭ بۇ يەردىمۇ ھالىڭلار چاغلىقلا ئىكەن...گەرچە مەن كوچا-كويلاردا كۆرگەن مەس_ئەلەس بولوپ ئىغزىغا كەلگەن مىنىڭ نىجاسىتىمدىنمۇ پاسكىنا سۆزلەر بىلەن بىر_بىرىڭلارنى تىللىشىپ يۇرگەن ،ئەخلەت ئازگىلىدا مەس_ئەلەس بىخارامان ئۇيقۇغا كەتكەن ............قىياپەتلىرىڭلارنى كۆرمىگەن بولساممۇ ...لىكىن ھەدىسلا بىر_بىرىڭلارنىڭ يىغىرىنى ئاچىدىغان
ئۆزەڭلارنى ئەۋلىيا چاغلايدىغان، قۇرۇق پەلسەپە ساتىدىغان ،گىپىڭلارغا خەق قايىل بولمىسا ئانىسىنى تىللايدىغان
...چىركىن ئادەتلىرىڭلارنى بۇيەردىمۇ ئۇبدانلا يىلتىز تارتقۇزۇپ< مىللى خاسىلق >ڭلارنى نامايەن قىلىۋىتىپسىلەر!
ھەي بولدىلا ئۆزگىپىمگە كىلەي:
مەن بىلىمەن سىلەر مىنىڭ گۆشىمنى يىيىش ئۇياقتا تۇرسۇن ،ئىسمىمنى ئاڭلاشتىنمۇ قاتتىق يىرگىنىسىلەر!
بۇنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلىش مەقسىتىدە ماتىرىيال كۆرسەم ،سىلەر نەچچە ئەسىر ئىلگىرى ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىشقا باشلاپسىلەركەن ئەمەسمۇ؟!
راست ،ئىسلام دىنىدا مىنى يىيىش چەكلىنىدۇ،دىمىسىمۇ مىنىڭ گۆشىمنىڭ تەركىبىدە نۇرغۇن لىغان چىركىنلىكلەر يۇشۇرۇنغان..
سىلەرنىڭ ھىچبولمىغاندا ئىتىقادىڭلار ئىچىدە مۇشۇنى بولسىمۇ ئىزچىل ساقلاپ كىلىۋاتقىنىڭلاردىن بىرئاز قايىلمەن سىلەرگە!
بىراق مەن سىلەردىن سوراپ باقاي :سىلەرچە سىلەرگە نىسبەتەن ئىيقاندا پەقەت مىنىڭ (چوشقا)گۆشۆملا ھاراممۇ؟
سىلەر ھەقىقەتەن ھارام نەرسىلەردىن شۇنچە خالى مىللەتمۇ؟
ياق ..ياق! مىنىڭچە سىلەر ئاللا قاچان ئۇنداق بولماي قالدىڭلار!سىەرنىڭ تۇتقان_تۇرغىنىڭلارنىڭ ھەممىسى ھارام بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى.
مەن باشقىسىنى ئىيتماي ،پەقەت ھاراقنى مىسال قىلاي!

ئىسلام دىنىمىزدا  ھاراق بارلىق گۇناھلارنىڭ ئانىسى دەپ قارىلىدۇ،بۇ ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق .ھاراقخۇرلۇق بارچە ناشايان ئىشلارنىڭ كىلىش مەنبەسى .
سىلەر چوشقا گۆشى يىگەن بىرەرسىنىڭ نۇمۇسنى قايرىپ قۇيۇپ كۈپكۈندۇزدە چوڭ كوچىنىڭ ياقىسىدا توپىغا،لايغا مىلىنىپ يىتىپ قالغىنى كۆرگەنمۇ؟چوشقا گۆشى يىگەن بىرەررىنىڭ چوڭ_كىچىك ،ئەر_ئاياللارنىڭ ئالدىدىلا كوچىغا سىيگىنى كۆرگەنمۇ؟؟
چوشقا گۆشى يىگەن بىرەرنىڭ ئەقلىدىن ئىزىپ بىر بىگۇناغا پىچاق تىققنىنى كۆرگەنمۇ؟
چوشقا گۆشى يىگەن بىرەرنىڭ ئادىمىيلىكنى ئۇنتۇپ ئۆزئانىسىغا،ئۆزقىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغىنى كۆرگەنمۇ؟؟؟؟؟؟؟

چوشقا گۆشى يىگەن بىرەرنىڭ...............؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
قىنى ئىيتمامسىلەر كۆرگەنمۇ؟ئىيتالمايسىلەر چۇنكى سىلەر كۆرمىگەن ،ئەمما مەن سىلەرنىڭ ھاراقنى بولىشىغا ئىچىپ ئەشۇ ئىشلارنى قىلغانلىقىڭلارنى كۆرگەن!!!!!
قىنى ئىيتىڭلارچۇ،سىلەرمىنى ھارام دەپ يىرگىنىپ قاچقىنىڭلار بىلەن ئەشۇ ھاراملارنىڭ ھارىمى بولغان ھاراقنى ئەتىۋارلاپ داستۇرخىنىڭلارنىڭ تۆرىگە چىقىرىپ قۇيۇۋاتىسىلەر بۇ يالغانمۇ؟تىخى شۇنىڭدىن ئىستىمال قىلمىسا قىرىق كۈن مىھمان بولسىمۇ رازى بولمايدىغىنىڭلارچۇ تىخى!
ئاڭلىسىام تىخى سىلەردە بىرەرىنىڭ ئايالى تۇغسا ھاراق بىلەن تەبرىكلەيدىغان،ئۆلۆملۇك بولغىچىنىڭ قارىسىنى ھاراق بىلەن ئۇشتۇيدىغان يېڭى ئادەتلەرمۇ شەكىللىنىۋىتىپتۇ !
ئەرلىرىڭلارنى ئازدەپ ئايال-قىزلىرىڭلار ،قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلىرىڭلارمۇ ھاراقتىن كۆڭۆل خۇشلۇقى ئىزدەيدىغان ئىشلارمۇ باركەن ؟!
ھەراست قايسى كۈنى مىنىڭ خۇجايىمنىڭ ئائىلىسىگە ئۇنىڭ باھار بايرىمىنى مۇبارەكلەپ بىرقانچىڭلار كەپتىكەنسىلەر
خوجايىنىم سىلەرنى ھاراق بىلەن تازا مىھمان قىلدى .....ئاخىرىدا مەس بولوپ قالغىنىڭلارنى كۆرۆپ مىنىڭ بىركۈن بۇرۇن سويۇلغان  قىرىندىشىمنىڭ گۆشىدىن قۇرۇما قۇرۇپ ئىلىپ كىرىۋىدى..تازا مەززە قىلىپ يىدىڭلار!....
ۋاھ ..قىنى ئەمدى نىمە دەيسىلەركىن؟
قىنى ئىيتىپ بىقىڭلارچۇ؟سىلەر ئىچىۋاتقان ئەشۇ ھاراق مىنىڭ گۆشۆمدىن پاكىزمۇ؟

ئاخىرىدا سىلەرنىڭ ۋاقتىڭلارنى ئىلىپ قۇيغۇنىمدىن خىجىلمەن ،ھۆرمەت بىلەن:
___سىلەرنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادىڭلارنىڭ ئاشكارە  يىمەكلىكى بولىدىغان  چوشقىجاندىن


بۇ ماقالە ئەنئەنە بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ،
بەك چوڭقۇر مەنىلىك بولغاچقا ئەۋەتتىم  سىلەرمۇ ئويلىنىپ بېقىڭلار
ئاللا  ھەممىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن
تىرىشقىن .... غەلبە ساڭا مەنسۇپ !!!!!!!!!!!
دەرىجە: تەكلىپلىك ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 415
جۇغلانمىسى: 6037
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
تىللا: 420 دانە
توردا: 113(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-26
ئاخىرقى: 2010-10-20
كىرىسلو  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-16 20:39

راستىنلا قالتىس ياخشى ، چوڭقۇر مەنىلىك تېما ئىكەن ، رەھمەت !!!
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بۇلايمۇ يىلتىزمۇ؟
دەرىجە: تەكلىپلىك ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 200
جۇغلانمىسى: 1212
شۆھرەت: 28 كىشىلىك
تىللا: 238 دانە
توردا: 83(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-10
ئاخىرقى: 2010-10-20
ئوروندۇق  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-16 20:49

ئېيتىپ كەلسەك ھاراق ئىچىدىغانلار چوشقىدىنمۇ تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ دىگەن مەنا چىقىدىكەن..
چوشقىدىنمۇ بەتتار بولۇش  نېمە دىگەن نۇمۇس ھە...
ئىككى دۇنيالىقى ياخشى بولمايدۇ...
چوشقىغا قاراپ كۈلمەڭ،كۈلسىڭىز بەلكىم ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ ئورۇنغا سىز ئۆتۈپ قېلىشىڭىز مۇمكىن..
شۇڭا اللاھ تىن بۇنداق كۈنگە قېلىشتىن سېغىنىپ پاناھ تىلەيلى..
ئاتاڭنىڭ ئىززىتىنى قىل
ئاناڭنىڭ خىزمىتىنى قىل
دەرىجە: چەۋەنداز

جەۋھەر: 0
يازما: 371
جۇغلانمىسى: 6001
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
تىللا: 374 دانە
توردا: 73(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-04
ئاخىرقى: 2010-10-17
پول  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-16 21:23

بەك ياخشى تېما ئىگەن ............مەنسىمۇ بەك ياخشى ئىگەن ......
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 29
يازما: 33
جۇغلانمىسى: 2337
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 33 دانە
توردا: 77(سائەت)
تىزىملاش: 2010-05-14
ئاخىرقى: 2010-10-20
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-16 22:35

ھەي  بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 47
جۇغلانمىسى: 616
شۆھرەت: 6 كىشىلىك
تىللا: 47 دانە
توردا: 33(سائەت)
تىزىملاش: 2010-10-04
ئاخىرقى: 2010-10-20
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-16 23:00

بىزنى شۇ چۇشقىجان دىگەندەكلا بوپقاغىلى تۇردۇق ھەي ھەي
ھەر ۋاقىت سەۋەنلىكىڭنى ئۇنۇتما .جۈرئەت ۋە شىجائە ..
دەرىجە: چەۋەنداز

جەۋھەر: 0
يازما: 598
جۇغلانمىسى: 1510
شۆھرەت: 82 كىشىلىك
تىللا: 589 دانە
توردا: 93(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2010-10-20
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-17 00:05

شۇڭا  ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز لازىم
anka
ئاللا  ھەممىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن
دەرىجە: يىڭى ئەزا
جەۋھەر: 0
يازما: 12
جۇغلانمىسى: 218
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
تىللا: 12 دانە
توردا: 7(سائەت)
تىزىملاش: 2010-09-07
ئاخىرقى: 2010-10-18
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-17 17:14

رەھمەت،،،،،اللاھ رەھمەت قىلسۇن...دىمسىمۇ،ئۇيغۇر،دىگەنلىك،مۇسۇلمان،دىگەنلىك ئەمەس،مۇسۇلمانلىق،ئىتقاد،ئمان،بىلە ئۆلچىندۇ،،،،بىزدە كىلە ئاداش  ئىسىل ھاراق بارئىدى،،سۇيۇق،پۇپۇتاڭدەك،نىشە،،،لەڭپۇڭ،ئۇندەك   ئاق بار،،،،دىگەن تىلفۇننى ،قىلدىغانلار ناھايتى،كۆپ ئەمما،ناماز ۋاختى بوپ قالدى،دەپ تىلفۇن قىلدىغاندىن،قانچىسى باردۇ   ،،،،،،،،،،،،ھەي،مەن  سىلەرنىڭ،قىممەتلىك،ۋاختىڭلارنى ،ئېلىپ قويدۇم،كەچرۇڭلا،،،،،
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 32
جۇغلانمىسى: 125
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
تىللا: 50 دانە
توردا: 9(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-02
ئاخىرقى: 2010-10-17
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-17 18:12

ئاڭلىشىمچە، قىيامەتتە چوشقائاللاھقازارلاپ ‹ ئى رەببىم سەن مېنى دۇنيادائەڭ خار قىلىپ ياراتىپسەن › دېگەندە ،رەببىمىزچوشقىغا ئارقاڭغاقاراپ باققىن دەيدىكەن، چوشقائارقىسىغا قاراپ نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارنى كۆرىدىكەن،شۇنىڭ بىلەن چوشقائاللاھقاشۇكرى ئەيتىدىكەن.
يىغلاپ تۇغۇلدۇم..كۇلۇپ ياشايمەن..
دەرىجە: پالۋان

جەۋھەر: 0
يازما: 222
جۇغلانمىسى: 3966
شۆھرەت: 3 كىشىلىك
تىللا: 123 دانە
توردا: 92(سائەت)
تىزىملاش: 2010-01-31
ئاخىرقى: 2010-10-20
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-17 18:21

ياخشى تىما ئىكەن.......رەخمەت سىزگە.........