قايسىبىر ماتىريالدىن كۆرۈشۈمچە: چەتەللىك بىر تەتقىقاتچى سەھنىدىكى ئۇيغۇر ئۇسۇلچى قىزنىڭ ئۇزۇن چېچىنى كۆرۈپ، مەخسۇس ئۇزۇن چاچلىق ئۇيغۇر قىزلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن رايۇنىمىزغا كەلگەن ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا «ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئۇزۇن چېچى پەقەت سەھنىدىلا قاپتۇ» دېگەن يەكۈننى چىقىرىپ قايتقان ئىكەن. راست، دېمىسىمۇ ئەلمىساقتىن داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ ئۇزۇن چېچى بۇ كەمگە كەلگەندە ئۆزىنىڭ تارىخى ۋەزىيپىسىنى تاماملاپ، باشقا مىللەتلەرگە، تېخىمۇ كونكىرتنىراق ئىيتقاندا خەنزۇلارغا كۆچكەندەك قىلىدۇ (مەن پات –پات ئۇيغۇر مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە ئۇزۇن چاچلىق خەنزۇ قىزلىرىنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ قالىمەن). بىزنىڭ قىزلىرىمىز بولسا يا ئەرگە، يا ئايالغا ئوخشىمىغانلىقتىن، ئالدىغا ئۆتمىسە ئەر -ئاياللىقىنى پەرق ئەتمەكمۇ تەسلىشىپ كەتتى.
ھازىر كەڭرى سەھرالاردىن تارتىپ، رەڭگارەڭ شەھەرلەرگىچە دورىلىققا بىرەر ئۇزۇن چاچلىق قىز تاپماقمۇ بەسى مۈشكۈل. ئوماي ئانا، تۇمارىس، نۇزۇگۇم...لار ھەۋەسلىنىپ، ئىشتىياق بىلەن كولايدىغان جىگدىلەر بۈگۈنكى كۈندە يىلىم بېسىپ، يامغۇر-يېشىن، بوران-چاپقۇندا دۈگدەرەپ تۇرۇپتۇ. ئوتياشلىقلىرىمىزدا ئوسما، خېنە ... دېگەندەكلەرنىغۇ ئەسلى چېلىقتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئورنىدا «سىيادان»، «ئوسما»....ماركىلىق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، قاش قەلەم ۋە لاكلار تېلىۋېزورنى ھەر ئاچسىڭىز بىر مۇنچە تېتىقسىز گەپلەر بىلەن غىلجىڭ خوتۇنلاردەك قۇلاق-مېڭىڭىزنى ئوچاق قىلىدۇ. تەبىئىينى ئىشلىتىش ئورنىغا ئۇنى قەستەنگە سۈنئىيلەشتۈرۈپ بېرىۋاتىمىز. خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ تىرناقلىرى ھىندىستاننىڭ؛ قاشلىرى تۈركىيەنىڭ؛ چاچلىرى فىرانسىيە، ئامىرىكىنىڭكىگە خۇمار بولۇپ كەتتى، خۇددى ھاراقكەش ھاراققا، بەڭگى تاماكىغا خۇمار بولغاندەك.
ئاشۇ «خۇمار» لارنىڭ سەۋەبچىسى كىم؟ يەنىلا بىز ئاتا-ئانىلار. ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ «پاتىمەمنىڭ كۆينىكى» ناملىق ھىكايىسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدىغان بولساق: ئاشۇ بېقوۋۇل ئانا جىنىدا نەۋرىىسىنىڭ پادىچىلار ئىشتىنىنى چاناپ-چاناپ كۆيدۈرىۋىتىدۇ. لېكىن بىز بەرنا، بوي-بەستىمىزدىن كۈچ-مادار ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئاتا-ئانىلار شۇنداق قىلالامدۇق؟ مۇمكىن ئەمەس.
مەن يېقىندا تېلېۋىزوردىن بىر نومۇر كۆردۈم. «تەلەپ-تەقدىم» پىروگراممىسىدا بېرىلىۋاتقان بۇ نومۇرنى ساپلا مويسىپىتلار ئورۇندىغان بولۇپ، ئاپاق چاچلار، ۋاقىتسىز تاقىر بولۇپ كەتكەن باشلار.... تاماشىبىنلار قاتارىدە پەقەت يىگىت بېشىنىڭلا بېشىدا دوپپا....مەن ئويلىنىپ قالدىم: ھازىر بىرەرىمىز خىزمەتكە دوپپا كىيىپ بارساق نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ «ئۆيىڭىزدە مۇسىبەت بولدىما؟» دەپ سوراشنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىيكەن، ئۇ بولسىمۇ بىز تەۋەرۇكلىرىمىزدىن ئاساسەن ئايرىلىپ قاپتۇق....
ئەنۋەر ھوشۇر ئەپەندى شۇنداق دەيدۇ: «ھازىرچە سالام ئاۋۋال چوڭلاردىن كەلگەي» بىز ئاتا –ئانىلار پەرزەنتنىڭ بىرىنچى ئۇستازى. ئۇزۇن چاچ، كىيىم -كېچەك مەدەنىيەت تەربىيىسىمۇ بىر تۈرلۈك تەربىيە ئەلبەتتە. شۇڭا دەيمەنكى: ئاتا -ئانىلار بۇ تەرەپتىنمۇ ئۈلگە بولۇشى كىرەك.
مەھمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، نەۋائى ... لار سەللە، شاپاق دوپپا كىيىپ يۈرۈپ، «تۈركى تىللار دېۋانى»، «قۇتادغۇ بېلىگ»، «خەمسە» ... لەرنى؛ ئاماننىساخان ئۇزۇن چاچ قويۇپ، دوپپا، ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىپ، قېشىغا تىرنىقىغا ئوتياشلىقنىڭ تەبىئىي ئوسما، خېنىسىنى قويۇپ، ئاشۇ ئۇزۇن چاچلىرىنى جىگدە يىلىمىدا تاراپ يۈرۈپ «ئونئىككى مۇقام» نى يورۇقلۇققا چىقاردىغۇ، ئىپارخاننىڭ ئۇزۇن چېچى چىيەنلوڭ خاننىڭ يۈرىكىگە ئوت ياقالىدىغۇ، ئۈچ ئۆزبىك قىزمۇ ئاشۇ ساغرىسىغا چۈشىدىغان ئۇزۇن چاچلىرى بىلەن «ئويناسۇن» ناملىق پىلاستىنكىسىنى چىقىرىپ، كەڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭلا ئەمەس، باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ياقتۇرۇپ كۆرۈشى ۋە ئاڭلىشىغا سازاۋەر بولدىغۇ؟..
دەپ كەلسەك گەپتولا. مېنىڭچە مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي ئەنەنە ھىچقانداق قانۇن-سىياسەتكە مۇخالىپەمەس، بۇ پەقەت ئىدىيۋى مەسىلە. ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئاشۇ مەدەنىيەت، ئاشۇ ئەنئەنىنى يەتكۈزۈشىدىكى، تۇتقا قىلىشىدىكى تونۇش مەسىلىسى خالاس. ئاخىرىدا تۆمۈرخان روزىنىڭ سۆزىگە ئوخشاپراق كېتىدىغان مۇنۇ سۆزنى دېگۈم كېلىدۇ: «بىز ئېنگىلىزلارنى يۈز يىل، ياپونلارنى ئەللىك يىل، روسلارنى يەنە ئەللىك يىل دورىساقمۇ بەرىبىر بىز ئۇلار بولالمايمىز ، بىز يەنىلا بىز بولىمىز.
مەنبە كىلىياڭ بىلوگى