تېما: ئەپۇچانلىق— ئىناقلىقنىڭ ئاساسى
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 12
جۇغلانمىسى: 141
شۆھرەت: 8 كىشىلىك
تىللا: 12 دانە
توردا: 31(سائەت)
تىزىملاش: 2010-10-05
ئاخىرقى: 2010-10-15
تىما قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-11 19:03

0 ئەپۇچانلىق— ئىناقلىقنىڭ ئاساسى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما abdukorax تەرىپىدىن يورۇتۇلدى(2010-10-11)
ئەپۇچانلىق— ئىناقلىقنىڭ ئاساسى   n2oz"<?$S  
ئەنۋەر ئابلەت شەيدائى 1 IZ3=6  
    بىر كۈنى ناھىيە بازىرىدا بىر دوستۇم ئۇچراپ قالدى، ئەھۋال سورىشىمغا  ئۇ شۇ تاپتا بەكلا ئالدىراش ئىكەنلىكىنى،  ئايالى بىلەن ئاجراشماقچى بولۇپ سوتقا كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپلا كېتىپ قالدى. مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ بىر بالىسى بارلىقىنى، ئىناق، بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلەتتىم. ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن  بۇنداق تۇيۇقسىز ئاجرىشىپ كەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلىش مەقسىتىدە كەچتە ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ پاراڭلاشتىم. fp+gyTnd3  
      —سۆزلەپ كەلسەم ئىش بەكلا ئاددىي، —دېدى ئۇ بىر خىل مەيۈس ھالدا،— ئەسلىدە ئارىمىزدا تالاش - تارتىش قىلغۇدەك ئىشمۇ يوق، ئاجرىشىپ بالىمىزنى يېتىم قىلغۇدەك مەسىلىمۇ مەۋجۇت ئەمەس، تۇرمۇشىمىزغا كۆز تەگكەندەكلا بىر ئىش بولدىغۇ - ئاخىر. 6f\Lf?vF  
      —شۇنداق قىلىپ ئاجرىشىپ كەتتىڭلارما؟— سورىدىم مەن ئاقىۋەتنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلىشكە ئالدىراپ.   BK,{N0  
      —خەلق ئىشلىرى كادىرى ئىككىمىز بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئاراڭلاردا ئاجرىشىپ كېتىشكە سەۋەب بولغۇدەك ئىش يوقكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرزەنتىڭلار بولغاندىكىن، ئوبدانراق ئويلىنىپ بېقىڭلار، يۈرىكىڭلارنى تۇتۇپ بېقىپ ئالدىرىماي بىر قارارغا كەلسەڭلارمۇ كېچىكمەيسىلەر. ئوتتۇرىدا نى - نى تالاش - تارتىش يۈز بەرگەن، يارنىڭ لېۋىگە بېرىپ قالغان ئەر-خوتۇنلارمۇ ئاچچىقىنى بېسىۋېلىپ، سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈپ، ئۆزئارا ئەپۇ قىلىشىپ ئۆي تۇتۇۋاتسا، سىلەرگە ئاجرىشىپ نېمە كەپتۇ،—دەپ بىزنى قايتۇرۇۋەتتى.   ~])t 6i  
      —ئەجەب ئوبدان بوپتۇ، — دېدىم مەمنۇن بولغان ھالدا، — ئاجراشقۇدەك ئالاھىدە سەۋەب بولمىسا، ئۆي تۇتۇپ قالغان ياخشى. 0cJWJOj&  
      ئۇ پىكرىمنى تەستىقلىغاندەك قىلىپ بېشىنى يەڭگىلگىنە لىڭشىتىپ قويدى ۋە خۇرسىنغان ھالدا يېقىندا ئۇدا بىر نەچچە قېتىم ساۋاقداشلار يىغىلىشى ۋە دوستلار يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش سەۋەبلىك ئۆيىگە سەل كەچ قايتقانلىقىنى، ئايالى بۇنى توغرا چۈشەنمەي ئۇنىڭ بىلەن گەپ تالىشىپ ئۇرۇشقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىر مەزگىل مۇشۇنداق خاپىلىقتا ئۆتكەنلىكىنى، كېيىن ئايالىنىڭمۇ ئۇنى خەۋەرلەندۈرمەي ئىككى نۆۋەت خىزمەتداشلار ئولتۇرۇشىغا داخىل بولۇپ كەچ قايتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىدىن گۇمانلىنىش، رەنجىش، ‹‹قىر كۆرسىتىش››، يول قويماسلىق پەيدا بولۇپ، ئاقىۋەتتە ئاجرىشىپ كەتمەكچى بولۇشقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. mg*qiScfW  
      ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلاپ، بىر ئائىلىنىڭ تەقدىرىگە تاقىلىدىغان مۇشۇنداق چوڭ ئىشتا ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ يېنىكلىك قىلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۆيگە بېرىپ، ئايالى بىلەن ئەستايىدىل سىردىشىپ، ئۇقۇشماسلىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، چۈشىنىش ھاسىل قىلىش، ئۆزئارا ئەپۇ قىلىپ خاتىرجەم تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەت بەرگىنىمدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم. A^)?Wt%*  
      ئەگەر ئۇلار دەسلەپتىلا سوغۇققانلىق بىلەن سىرداشقان، چۈشىنىش ھاسىل قىلغان، بىر - بىرىنى ئەپۇ قىلغان بولسا، ئاشۇ كۆڭۈلسىز ئىشلار يۈز بەرمىگەن بولاتتى. qzf!l"bT  
      ئىناق ئائىلىدە ھايات كەچۈرۈۋاتقان ئەر-خوتۇننىڭ ئۆمرى بەختىيارلىق ئىلكىدە مەنىلىك ئۆتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە مېھىر- شەپقەت، چوڭقۇر سەمىمىيەت ۋە ئاق كۆڭۈللۈك سىڭگەن بولىدۇ. ئىناق ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان پەرزەنتلەرمۇ گەپ - سۆزدە ئەدەپلىك، مىجەز - خاراكتېردە ئوچۇق - يورۇق، ئەخلاق - پەزىلەتلىك ئەۋلاد بولۇپ جەمئىيەتكە قوشۇلىدۇ. ئىناق ئائىلىدە ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئاسايىشلىققا، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى خۇشاللىققا ئايلاندۇرغىلى، ئېغىر جاپا - مۇشەققەتلەردىن غالىب كەلگىلى بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئائىلىدە ئۆزئارا ئىشەنچ بولىدۇ، ئۆزئارا سەمىمىيەت بولىدۇ، ئۆزئارا چۈشىنىش، بىر-بىرىنى ئاياش، بىر- بىرىنى ئەپۇ قىلىش بولىدۇ.  (Q.waI  
      ئەپۇچان كىشى— كەمتەر، خۇش پېئىل، كەڭ قورساق بولىدۇ. ئۆچ- ئاداۋەت ساقلاشنى گۇناھ، دەپ بىلىدۇ. قىزىل كۆزلۈك، تەمەخورلۇق، غەيۋەت - شىكايەتنى نومۇس ھېسابلايدۇ. باشقىلارغا ئورا كولاشنى، بىراۋلارنى زىيان تارتقۇزۇش بەدىلىگە ئۆزى نەپ ئېلىشنى گۇناھ، دەپ قارايدۇ.  باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى، باشقىلار بىلەن ئىناق- ئىجىل ئۆتۈشنى ئويلايدۇ. ئۇچرىغان دىل ئارازلىقنى كۆڭلىدىن كۆتۈرۈۋېتىدۇ.   STxKE %l  
      مەيلى ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى، پەرزەنتلەرنىڭ پاسىبانى ئاتا بولسۇن ياكى ئائىلىنىڭ پەرۋىشكارى، بالىلارنىڭ غەمگۇزارى ئانا بولسۇن، ئادىل، ۋاپادار، كۆيۈمچان بولۇش بىلەن بىللە، يەنە كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولۇشى زۆرۈر. ئارىدا كىشىلىك ئىززەت - ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلىدىغان، غۇرۇر ۋە ۋىجدانىنى چەيلەيدىغان، ئىنسانىي ئەخلاق - پەزىلەت، ئىنساپ - دىيانەتكە زىت كەچۈرگۈسىز گۇناھ بولمىسىلا، ئۆز- ئارا ئەپۇ قىلىشنى، كەچۈرۈۋېتىشنى، يول قويۇشنى، پۇرسەت بېرىشنى، شۇ ئارقىلىق ئۆز- ئۆزىنى تونۇپ يېتىشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشنى ئائىلە يوسۇنىغا ئايلاندۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئائىلە ئىناقلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش لازىم. شۇنداق بولغاندا پەرزەنتلەرمۇ ئاتا - ئانىسىغا ئامراق بولۇپ، ئۇلارغا خۇشاللىق ۋە خاپىلىقلىرىنى، نەتىجە ۋە سەۋەنلىكلىرىنى يوشۇرماي ئېيتالايدىغان، ئېھتىياج - تەلەپلىرىنى ئىزھار قىلالايدىغان، دادىللىق بىلەن پىكىر قىلالايدىغان، ئائىلە ئىشلىرى توغرىسىدا ئەركىن مۇلاھىزە يۈرگۈزەلەيدىغان ئازادە شارائىتقا ئىگە بولۇپلا قالماي، ئاكا - ئىنى، ئاچا - سىڭىللارمۇ بىر - بىرىگە مېھرىبان، بىر- بىرىنى قوللايدىغان، ئەيىب، سەۋەنلىكلىرىنى تۈزىتىشكە ياردەم بېرىدىغان،‹‹سېنىڭ - مېنىڭ›› دېيىشمەيدىغان ئېسىل- پەزىلەتلىك، دىيانەتلىك ئەۋلادلاردىن بولۇپ يېتىلىشكە مۇستەھكەم ئۇل سېلىنىدۇ.   r[lF<2&*R  
      مانا مۇشۇنداق ئەر-خوتۇن، مۇشۇنداق پەرزەنتلەر بار ئائىلىنى ھەقىقىي بەختلىك، دەپ بىلسەك بولىدۇ. ھەربىر ئائىلە ئەزاسى مەڭگۈ بىر - بىرىگە ۋاپادار، كەڭ قورساق، ئەپۇچان بولسىلا، چىن مەنىگە ئىگە ئىناق، بەختلىك ئائىلىنى بەرپا قىلىش تەس ئىش ئەمەس. @U3Vc|  
مەنبە :شىنجاڭ گېزىتى
بۇ تىمىنى تەستىقلىغۇچى: abdukorax
ئابدۇمىجىت(كۆرەش)
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

جەۋھەر: 2
يازما: 177
جۇغلانمىسى: 1077
شۆھرەت: 50 كىشىلىك
تىللا: 186 دانە
توردا: 156(سائەت)
تىزىملاش: 2010-06-20
ئاخىرقى: 2010-10-15
كىرىسلو  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-11 19:09

توغرا كىشىلىك تۇرمۇشتا ئەپۇچانلىق تولىمۇ زۈرۈر '*k'i;2/1  
نوخسانسىز دوست تۇتماقچى بولغان ئادىمنىڭ بىرمۇ دوستى يوق ، ea~:}!-P  
ئەجرىڭىزگە رەھمەت،
دەرىجە: تەكلىپلىك ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 694
جۇغلانمىسى: 2867
شۆھرەت: 46 كىشىلىك
تىللا: 710 دانە
توردا: 106(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-04
ئاخىرقى: 2010-10-15
ئوروندۇق  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-11 19:10

ئىنسان  ئەپۇچان  بۇلۇشى  كېرەك  ،ئەپۇچانلىقمۇ  بىر    ئىسىل  خىسلەت .
anka
دەرىجە: تەكلىپلىك ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 694
جۇغلانمىسى: 2867
شۆھرەت: 46 كىشىلىك
تىللا: 710 دانە
توردا: 106(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-04
ئاخىرقى: 2010-10-15
پول  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-11 19:16

مانا  مەندەك   ...
كۈلۈپ قارا ، كۆز يېشىڭنى كۆرمىسۇن دۇنيا !!!~
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

جەۋھەر: 0
يازما: 970
جۇغلانمىسى: 3536
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
تىللا: 1009 دانە
توردا: 293(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-07
ئاخىرقى: 2010-10-15
4-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-11 19:29

ئەپۇ قىلدىغان ئادەم بولۇدۇ ئەپۇ قىلمايدىغان ئادەم بولۇدۇ...ئوغۇل بالىغا غۇرۇر ئەڭ مۇھىم،،،،،،،،
ئـاق كـۆڭـۇل پـەرىـشتە
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

جەۋھەر: 3
يازما: 97
جۇغلانمىسى: 5580
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
تىللا: 105 دانە
توردا: 42(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-12
ئاخىرقى: 2010-10-15
5-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-11 19:30

4-قەۋەت(hanjar731) نىڭ ئىنكاسىغا قايتىش

بۇ گەپنى قوللايمەن .....  ئىغىزدا ئەپە قىلدىم دىگەن بىلەن يۇركىمىزنى تىڭشاپ باقساق جاۋاپ دىگەن شۇ ....
دىل ئازار ، خۇدا بىزار
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 44
جۇغلانمىسى: 326
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
تىللا: 45 دانە
توردا: 6(سائەت)
تىزىملاش: 2010-08-15
ئاخىرقى: 2010-10-11
6-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-11 19:44

ئادەمدە ۋىجدان بىلەن ئىنساب بولمىسا بولمايدۇ.
anka
دەرىجە: تەكلىپلىك ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 108
جۇغلانمىسى: 1086
شۆھرەت: 24 كىشىلىك
تىللا: 116 دانە
توردا: 59(سائەت)
تىزىملاش: 2010-04-10
ئاخىرقى: 2010-10-16
7-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-11 19:46

ياخشىلىق كۈتۈشكە قەتئىي بولمايدۇ..

ئەپۇچان،كۆڭلى كەكسى كەڭ ئادەملەرگە قارىغاندا.....ئىچىتار،ئاداۋەت ساقلايدىغان ئادەملەرنىڭ كىسەل بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى.. ^?JEyY   
بۇنداق كىسەلچان ئادەملەرنىڭ قۇلىدىن ھەربالا كېلىدۇ.. #I cT @(  
ياخشىلىق كۈتۈشكە قەتئىي بولمايدۇ..
دەرىجە: تەكلىپلىك ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 694
جۇغلانمىسى: 2867
شۆھرەت: 46 كىشىلىك
تىللا: 710 دانە
توردا: 106(سائەت)
تىزىملاش: 2010-07-04
ئاخىرقى: 2010-10-15
8-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-11 19:56

4-قەۋەت(hanjar731) نىڭ ئىنكاسىغا قايتىش

ياخشىمۇ  سىز   ،  مەيلى  قىز  بولسۇن  ياكى  ئوغۇل  بولسۇن  ئەپۇ   قىلىش  دىگەن  بۇ  سۆزنى  غورورغا  تاقاپ  تۇرۋالساق  ياخشى  بولماسمىكىن  دەيمەن.ئىنسان  بولدىكەن  خاتالىقتىن  ساقلىنىمەن  دىگىلى  بولمايدۇ  ، u"CIPc{Sr  
ئەلۋەتتە  سىز  دىگەندەك  غورۇر  مۇھىم  لىكىن  ئەپۇ  قىلۋېتىش  مەنچە  بولغاندا  ئۇنىڭدىنمۇ  مۇھىممىكىن  دەيمەن . +A&IxsTq5=  
[b\lcQ8O  
بىراۋنىڭ  خاتالىقىنى  ئەپۇ  قىلۋېتىش  ئۇنىڭغا  ئىككىنچى  ياشاش  يۇلى  بەرگەن  بىلەن  ئوخشاشمىكىن  دەپ  ئويلايمەن. T(fR/~:z?  
چۇنكى  سىز  ئۇلارنى  بىر  قېتىم  ئەپۇ  قىلسىڭىز  ئۇلار  بەلكىم  2-  ئۇ  خاتالىقنى  سادىر  قىلماسلىقى  مۇمكىن. h-)A?%Xt  
غورۇر  دىگەننى  بىرنچى  قېتىم  خاتالىق  سادىر  قىلغاندا  ئەمەس  ،ئەپۇ  قىلۋەتسىمۇ  يەنە  يەنە  داۋاملىق  خاتالىق K:Xrfn{s  
سادىر  قىلغانلارغا  ئىشلەتسەك  ياخشى  بولىدۇ  ،خاتالىقنى  سادىر  قىلىۋەرگەندە  سىزنىڭ  غورۇرۇىڭىز  تېشىپ  چىققاندا IQ27FV|3  
ئاندىن  ئۇنى  نىمە  قىلۋەتسىڭىز  ،  بەلكىم  سىزنىڭ  توغرا   بۇلۇشى  مۇمكىن. N_WA4?rB  
. C`K9WJOD  
كەچۇرۇڭ   خاتا  سۆزلەپ  قويغان  بولسام
دەرىجە: يىڭى ئەزا

جەۋھەر: 0
يازما: 12
جۇغلانمىسى: 141
شۆھرەت: 8 كىشىلىك
تىللا: 12 دانە
توردا: 31(سائەت)
تىزىملاش: 2010-10-05
ئاخىرقى: 2010-10-15
9-قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-12 11:05

ئەپۇ قىلىشقىمۇ  ۋىجداننى تاقىۋاپسىزغۇ دوستۇم . f?^xh  
ئەر - ئاياللار بىر - بىرىنى ئەپۇ قىلماي ، تەتۇر قارىشىپ يۇرسە ، يۇز بەرگەن مەسىللەر ئۇستىدە ياخشى چۇشىنىش ھاسىل قىلالامدۇ ؟؟؟ RSee z P6#  
مانا مۇشۇنداق قېيدىشىپ ، مەن ئوغۇل بالا ۋىجدانىم بار ، مەن ۋىجدان بىلەن ياشايمەن  دەپ بوينىنى قاتتىق قىلسا ، ئۇلار ئوتتۇرسىدا ھەتتا ئۇقۇشماسلىق ، زىددىيەت يۈز بېرىپ ، بىر مەيدان مۇھەببەت تراگدېيىسى پەيدا بولىدۇ . s1apHwJ -  
يەنە كىلىپ ھېلىقى ئوماق پەرزەنتى تىرىك يىتىم بولۇپ قالىدۇ . }4MG114j  
|OT%,QT|  
_ILOA]ga#  
ۋىجدانلىق ئادەم بولۇشنى خالىسىڭىز . ۋىجدانىم بىلەن ياشايمەن دىسىڭىز. دۇنيادا بۇنىڭمۇ داغدام يولى بار . شۇ يوللاردا مېڭىشىمىز كېرەك . XdVC>6  
ۋىجدان بىر گەپ ، ئەپۇچانلىق كەڭ قورساقلىق بىر گەپ. ھەممە ئىشلار ئۆز يولىدا ، ئوز رېتىمىدا ماڭسىكەن . e|9Bzli{  
x G"p .  
مانا جەمئىيتىمىزدە بارغۇ بۇنداق ئىشلار . ئازمۇ ؟؟ raZRa*C;  
سىز ، مەن ، ئەتىراپىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كەڭ قورساقلىق ، ئەپۇچانلىقنى خالىمىسا ، ئۇنداقتا كەلگۈسىدىن ئېغىز ئاچالمايمەن .