130 خوتۇندىن 210 بالىلىق بولغان كېنىيەلىك ئەر....كېنىيەلىك ئانسايتۇسسى. ئاكۇكو بوۋاي ئۆمرىدە 130 خوتۇن ئېلىپ، 210 پەرزەنتلىك بولغان. ئۇنىڭ 1800 قىز،ئوغۇل نەۋرىلىرى ياۋرو، ئاسىيا، ئافرىقا قاتارلىق قىتئەلەرگە تارقالغان.
بالىنىڭ كۆپلىكىدىن ئۇ ئۆيىگە ئىككى مەكتەپ ۋە بىر چېركاۋ قۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ بۇ ئارقىلىق بالىلېرىنىڭ بىرلىكتە ئۆگىنىپ بىللە ئىبادەت قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن.
2-ئۆكتەبىر، 92 ياشقا كىرگەن ئاكۇكو بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى. بۇ «دەرىجىدىن تاشقىرى دادا» كېنىيەدە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئانسايتۇسسى. ئاكۇكو 1918-يىلى كېنىيەنىڭ نادېشۋا رايونىدىكى كانياموۋا قەبىلىسىدىن تۇغۇلغان بولۇپ،
بىر ئەر كۆپ خۇتۇنلۇق بۇلۇش تۇزۇمىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ لەقىمى «خەتەرلىك» بولۇپ، ئىگىلىنىشچە، ئۇ ياش ۋاقتىدا بەك قالماشقان،
ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشىمايدىغان مىجەزگە ئىگە بولۇپ، ئاياللار ئۇنى تېزلا ياخشى كۆرۈپ قالىدىكەن...

ئانسايتۇسسى. ئاكۇكو
مەنبە:شىنخۇا تورى